لى چياڭ، جاۋ لېجى مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى سىمېنا بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

2024.04.11 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى سىمىنا بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن مىكرونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. 9-ئاپرېل، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقتى. جۇڭگو مىكرونېزىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-مىكرونېزىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ مىكرونېزىيە تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، مىكرونېزىيە تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇش رامكىسىدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، داۋالاش- ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت-ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىكرونېزىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  سىمىنا مۇنداق دېدى: مىكرونېزىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت سەمىمىي دوستلاردىن. مىكرونېزىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مىكرونېزىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۆزىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە دۇنياغىمۇ نەپ يەتكۈزىدۇ. مىكرونېزىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسىدا ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى سىمېنا بىلەن كۆرۈشتى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 9-كۈنى زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن مۇھىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. جۇڭگو مىكرونېزىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن مىكرونېزىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن مىكرونېزىيە ئوخشاشلا «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەر، جۇڭگو مىكرونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن سەمىمىي بولۇپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، قەلبداش بولۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ قۇرۇشنى خالايدۇ.

  سىمېنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىكرونېزىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار دۇنيا تەشەببۇسلىرىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  لوساڭ جياڭسۈن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ