دىڭ شۆشياڭ ئامېرىكا پاتېنت تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2024.04.16 13:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدا ئامېرىكا پاتېنت تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىدال بىلەن كۆرۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ بايدىن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا باشتىن ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بىز ئامېرىكا بىلەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.

  ۋىدال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا پاتېنت تاۋار ماركىسى ئىدارىسى جۇڭگو بىلەن بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە زىچ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ