مۇھىم خەۋەرلەر

ئالتۇننىڭ باھاسى يەنە قاچانغىچە ئۆسىدۇ؟

2024.04.21 23:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالتۇننىڭ باھاسى يېقىنقى مەزگىلدە داۋاملىق ئۆسۈپ، ئۇدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى. 4-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولغان 14 سودا كۈنىدە، ئامېرىكىدا ئالتۇننىڭ قەرەللىك باھاسى 11 سودا كۈنى ئۆرلەپ، بىر مەزگىل ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 2400 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. تەھلىلچىلەر يېقىنقى مەزگىلدە ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى، جۇغراپىيەلىك سىياسىي قاتارلىق ئامىللار ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى. بىراق، ئالتۇن بەك كۆپ سېتىۋېلىنغاچقا، يېقىنقى مەزگىلدە ئالتۇن باھاسى ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنىلا ئۆسۈش بوشلۇقى بار، دەپ قارىدى.

  يۇقىرى پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس كومىتېتى 2022-يىل 3-ئايدىن باشلاپ ئۆسۈم قوشۇشقا باشلىدى، نۆۋەتتە فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى نىشانى %5.25 تىن %5.5 كىچە بولغان يۇقىرى ئورۇننى ساقلىدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى يەنىلا %2 لىك نىشاندىن خېلىلا يىراق. ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئايدا ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى 2-ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىگەن. پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۇزۇنغىچە يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلكى بولغان ئالتۇنغا قارىتا ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئامىل جەھەتتە، ئىران شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيەگە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بەردى. بازار ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كۆزلىمىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ھەزىم قىلغاچقا، بۇ ئامىل يېقىنقى مەزگىلدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىدە ئىپادىلەندى. ئىككى دۆلەت توقۇنۇشىنىڭ ئالتۇن باھاسىغا كۆرسىتىدىغان كېيىنكى تەسىرى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىش-كۈچەيمەسلىكىگە باغلىق.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېقىنقى مەزگىلدە ئالتۇن باھاسىنى چەكلەيدىغان ئامىللارمۇ ئاز ئەمەس، بۇ دوللار كۆرسەتكۈچى، ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنىڭ يارىتىلىشى، ياۋروپا-ئامېرىكا مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ۋاقتى تېخى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇرغۇن ئاپپاراتلارنىڭ قارىشىچە، دوللار كۆرسەتكۈچى، ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتى ئۆرلەۋاتقان ئەھۋالدا، ئالتۇن باھاسى يەنىلا زور دەرىجىدە ئۆستى، بۇ، بازارنىڭ دوللارنىڭ ئاساسلىق زاپاس پۇل، ئامېرىكا زايومىنىڭ بىخەتەر مۈلۈك بولۇشىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز ئومۇمىي سوممىسى 34 تىرىليون 600 مىليارد دوللارغا يەتكەن، ھەم قەرز كۆلىمى يەنىلا ھەر 100 كۈندە بىر تىرىليون دوللار كۆپىيىشتەك ئېشىش سۈرئىتى بىلەن كېڭىيىۋاتماقتا.

  ئىقتىسادشۇناسلار بەس-بەستە ئامېرىكىنىڭ قەرز كىرىزىسى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ياڭرىتىپ، «قەرز زەھىرىنى ھەيدەش»نى مۇراجىئەت قىلدى. دۇنيادىكى كۆپلىگەن مەركىزىي بانكىلار ئامېرىكا قەرزىنى سېتىپ چىقىرىپ ئالتۇن سېتىۋالدى. دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى مەركىزىي بانكىلارنىڭ 2022-يىلى ۋە 2023-يىلى پۈتۈن يىلدا ساپ سېتىۋالغان ئالتۇن مىقدارى 1000 توننىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاساسلىق مەركىزىي بانكىلارنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلايدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەنلىكتىن، ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنىلا ئۆرلەش يوشۇرۇن كۈچى بار. بەزى ئاپپاراتلار ھەتتا 2024-يىلىدىكى «ئالتۇن تاسقاش قىزغىنلىقى» ئەمدىلا باشلاندى، قىزغىنلىق دەرىجىسى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە داۋاملىشىدۇ، ئالتۇن باھاسى يەنىلا دەۋرىيلىك ئۆرلەش يولىدا تۇرىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ