مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا تەرەپنى جۇڭگوغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز

2024.04.21 23:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ توۋلاپ»، تور ھۇجۇمىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى جۇڭگوغا بېسىم قىلىدىغان قورال قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. جۇڭگو ئامېرىكىنى جۇڭگوغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىنى دەرھال توختىتىپ، جۇڭگوغا تۆھمەت قىلىپ قارا چاپلىماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر سوئال سوراپ، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو دۆلەت كومپيۇتېر ۋىرۇسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى 360 شىركىتى بىلەن بىرلىكتە «<ۋولت تەيفېڭ> ___ ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە باج تاپشۇرغۇچىلارغا قارىتىلغان بىرلەشمە ئالدامچىلىق ھەرىكىتى» توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بىر مەزگىلدىن بۇيان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى «ۋولت تەيفېڭ»نىڭ تور ھۇجۇمى قوزغىشىنى قوللىدى، دەپ كۆپ قېتىم ئەيىپلىگەنلىكى ئېسىمىزدە. جۇڭگو ئالاقىدار دوكلاتقا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دېدى.

  «مەن سىز تىلغا ئالغان بۇ دوكلاتقا دىققەت قىلدىم» دېدى لىن جيەن جاۋابەن ھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، «ۋولت تەيفېڭ» خاككېرلار تەشكىلاتى ئەمەلىيەتتە دۆلەت ۋە رايون قوللايدىغان ئارقا كۆرۈنۈشى يوق قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى تور جىنايەت گۇرۇھىدىن ئىبارەت «زۇلمەتلىك كۈچ». تۈرلۈك ئالامەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە تور بىخەتەرلىكى كارخانىلىرى پارلامېنت خامچوتى، ھۆكۈمەت توختامىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاتالمىش ئىسپاتلارنى يىغىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا قارىتىلغان «تور ھۇجۇمى»نى قوللىدى، دېيىشتەك ساختا ئۇچۇرلارنى تارقاتقان.

  لىن جيەن مۇنداق دېدى: ھەممىگە ئايان، ئامېرىكا تور ھۇجۇمىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەڭ چوڭ تەھدىت. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر «ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ توۋلاپ»، تور ھۇجۇمىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى جۇڭگوغا بېسىم قىلىدىغان قورال بىلىپ، تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

  لىن جيەن يەنە «جۇڭگو ئامېرىكىنى جۇڭگوغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىنى دەرھال توختىتىپ، جۇڭگوغا قارا چاپلىماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ» دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ