خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى نۇرغۇن ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىر كۈن كېچىكتۈرۈپ، پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى ھەققىدە يىغىن ئاچىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە 4-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش ئىشى توغرىسىدا ئاۋازغا قويىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، قارار لايىھەسىنى ئالجىرىيە تۈزگەن.
4-ئاينىڭ 2-كۈنى، پەلەستىننىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق كۈزەتكۈچىسى ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا خەت يېزىپ، ب د ت غا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلاشنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىن 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى ئەزا دۆلەت قوبۇل قىلىش كومىتېتى كۆپ قېتىم كېڭەشتى. 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى، مالتانىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فرېزېر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىش ئىشى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مەيدانىنىڭ 2011-يىلى پەلەستىن ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان چاغدىكىدىن ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، يەنى پەلەستىن ئالدى بىلەن ئىسرائىلىيە بىلەن ئالاقىدار كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ رەسمىي ئەزالىق ئورنىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 2011-يىلى ئامېرىكا رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ھەققىدە تەھدىت سالغاچقا، پەلەستىن ئىلتىماس قىلىش مۇساپىسىنى ۋاقتىنچە توختاتقان ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ