مۇھىم خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش «مۇۋەپپەقىيەتلىك» ئاخىرلاشتى دېدى

2024.04.21 23:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران قوراللىق قىسىمنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى مۇھەممەد ھۈسەيىن باغەرى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى زەربىسى ئاخىرلىشىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ زەربە بېرىش پىلانىمىز يوق، دېدى.

  ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقى باغەرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىراننىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىراننىڭ «قىزىل سىزىقى»غا تەگگەن، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامەنەيى «ئىسرائىلىيە چوقۇم جازالىنىشى كېرەك» دېگەن.

  ئىراننىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى سەل ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران دىپلوماتىيە ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتەك «تاجاۋۇزچىلىق» قىلمىشىغا ئىراننىڭ «قانۇنلۇق» قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى، نۆۋەتتە «ئاخىرلاشتى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقى»نى ئېيتتى.

  ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باغەرى ئىراننىڭ زەربە بېرىش نىشانى ئىسرائىلىيەنىڭ ئاخبارات مەركىزى ۋە بىر ھەربىي بازىسى ئىكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىران دىپلوماتىيە ئورگىنىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان F-35تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ مۇشۇ بازىدىن ئۇچقانلىقىنى ئېيتتى.

  باغەرى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ «پۈتۈنلەي مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى»نى بىلدۈردى. ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغداش قىسمىنىڭ باش قوماندانى ھۈسەيىن سالامىمۇ زەربە بېرىش نەتىجىسىنىڭ «مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى»نى ئېيتتى.

  سالامى: ئىران ئەسلىدە تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە زەربە بېرەلەيتتى، ئەمما «ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى، چەكلىك ھەرىكەتنى تاللىدى» دېدى.

  باغەرى بىلەن سالامى ئىسرائىلىيەنى ئۆچ ئالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى، بولمىسا ئىراننىڭ «تېخىمۇ قاتتىق» قايتۇرما زەربىسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقنى ئېيتتى. سالامى ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىشنىڭ «يېڭى باسقۇچ»قا قەدەم قويغانلىقىنى، ئەگەر ئىسرائىلىيە تەرەپ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە ئىراننىڭ مەنپەئەتى، مۈلكى، داڭلىق شەخسلىرى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلسا، ئىراننىڭ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئىران يەنە ئامېرىكىنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. باغەرى: ئىران شىۋېتسارىيەنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئامېرىكىغا گەپ يەتكۈزدى، ئەگەر ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ «ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەرىكىتى»گە ياردەملەشسە ياكى قاتناشسا، ئىران ئامېرىكىنى «تاجاۋۇزچى» دەپ قاراپ، زۆرۈر ۋاستىلەرنى قوللىنىدۇ، «ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى بازىسى ۋە خادىملىرى بىخەتەر بولالمايدۇ» دىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ