مۇھىم خەۋەرلەر

ئاتالمىش «جۇڭگو ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلاشتى دېيىش» پۈتۈنلەي تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك

2024.04.21 22:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تەتقىقاتچىلار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاتالمىش تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىپ، جۇڭگونىڭ تور گۇپپاڭچىلىرى ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ قوللىغۇچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولدى، دېدى؛ مىكروسوفت شىركىتىمۇ ئاتالمىش دوكلات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا سايلىمىنى قالايمىقان قىلماقچى، دېدى. جۇڭگونى سايلامغا ئارىلاشتى، دەپ تۆھمەت قىلىش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەردىن نەزەر دائىرىنى يۆتكەشتىكى پىشقان ھىيلە-مىكرى، جۇڭگو ئەزەلدىن ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۆسەك تارقىتىپ قارا چاپلىشى ئۇنىڭ ئارىلىشىش قىلمىشىنىڭ تاشقى جەھەتتىكى ئەكسىدىن ئىبارەت.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر قېتىملىق سايلامدا، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر ئاتالمىش «جۇڭگو سايلامغا ئارىلاشتى» دېگەننى كۆپتۈرىدۇ. 2018-يىل 9-ئايدا، شۇ چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك توغرىسىدىكى بىر قېتىملىق يىغىنىدا خالىغانچە جۆيلۈپ، جۇڭگونى ئەينى يىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىغا «ئارىلىشىش»قا ئۇرۇندى دەپ ئەيىبلىگەن. 2020-يىللىق سايلام مەزگىلىدە، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان تىرامپ ۋە ئۇنىڭ سايلام رىقابىتى ئۆمىكىمۇ جۇڭگونى سايلامغا «ئارىلاشتى» دەپ كۆپتۈردى، ئاخىرىدا ئامېرىكا دۆلەت ئاخبارات كومىتېتىنىڭ 2021-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتىدا ئۇنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

  ئامېرىكىنىڭ باشقىلارنى ئەيىبلەيدىغان ۋە تۆھمەت قىلىدىغان «سىنارىيەسى» ئەمەلىيەتتە ئۆز تەجرىبىسىدىن كەلگەن. «رەڭ ئىنقىلاب» قا كۈشكۈرتۈشتىن قوراللىق تاجاۋۇزچىلىق قىلىشقىچە ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ئارىلىشىش مىسالى ئىنتايىن كۆپ، ئىنتېرنېت دەۋرىدىن بۇيان تور بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە «تەسىر كۈچى ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئامېرىكا «كەسپىي ماھىر» بولۇپ قالدى. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، جۇڭگونىڭ تور گۇپپاڭچىلىرى يوشۇرۇن ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرىدىن پايدىلىنىپ «سۇيىقەست نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈنۈشىگە ھەمدە 11-ئايدىكى سايلامدىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ بايدېنغا ھۇجۇم قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى» دېدى. بۇ ئىش تونۇشتەك كۆرۈنەمدۇ؟ رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى 2019-يىلى جۇڭگوغا قارشى بىر تۈرلۈك مەخپىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئالاھىدە خادىملار گۇرۇپپىسىنى «ساختا ئىنتېرنېت تورى سالاھىيىتىنى ئىشلىتىپ»، جۇڭگو ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا جۇڭگوغا چېتىشلىق ساختا «پاسسىپ بايان»لارنى تارقىتىش ھەمدە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئۆزىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ھاقارەتلەيدىغان ئاخباراتىنى «ئاشكارىلاپ»، ھۆكۈمەتكە قارشى ئاممىۋى پىكىرنى كۈشكۈرتۈشكە بۇيرۇغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ساختا سالاھىيەتلىك تور گۇپپاڭچىلىرىنىڭ توردا ئۆسەك تارقىتىشى ئېنىقلا ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇش ئۇرۇشى ۋە ئۇچۇر ئۇرۇشىنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ، ئامېرىكا ئېنىقلا ئۆزىنىڭ جىنايىتى ئارقىلىق باشقىلارغا تۆھمەت قىلغان.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئىزچىل باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سايلىمىغا تېخىمۇ ئارىلاشمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ تۆھمەت قىلىشى پۈتۈنلەي يوق جىنايەتنى ئارتىشتىن باشقا ئىش ئەمەس، بۇ چوڭ دۆلەتلەردە بولۇشقا تېگىشلىك جاسارەت ۋە ئىشەنچنى يوقاتقانلىق. بۇلتۇر 11-ئايدا، جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى سان-فرانسىسكودا كۆرۈشۈپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن «سان-فرانسىسكو مەنزىلى»نى ئاچتى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇقىملىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. لېكىن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مۇساپىسى ھەمىشە ئېگىز-پەس بولۇپ كەلدى، مۇھىم سەۋەب شۇكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر جۇڭگوغا بولغان خاتا تونۇشى ئاساسىدا، جۇڭگوغا ھاقارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە پاسسىپ ئامىل پەيدا قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولدى.

  جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلاشسا ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق، ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتىلغان ئىستراتېگىيەلىك تەشۋىشنى بالدۇرراق تاشلاپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپ بويىچە جۇڭگو بىلەن بىر يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىجابىي مۆلچەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ