مۇھىم خەۋەرلەر

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق يامغۇر ياغدى

2024.04.19 14:29 مەنبە: خەلق تورى

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە مەركىزىنىڭ 17-يانۋار مۇئەييەنلەشتۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتتە ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە 1949-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق يامغۇر ياغقان.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەين رايونىدا 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھۆل-يېغىن مىقدارى 254.8 مىللىمېتىرغا يېتىپ، 1949-يىلى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى قاتتىق يامغۇردا بىر ئادەم قازا قىلغان. ناچار ھاۋا رايى دۇبەي خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، قاتتىق يامغۇردا ئايروپورتنىڭ ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىغا سۇ يىغىلىپ قېلىپ، ئايروپىلاننىڭ نورمال ئۇچۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ