مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان خەۋەر! ئامېرىكا جازالاشنى قايتا باشلايدۇ!

2024.04.19 14:23 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكىنىڭ تەلىپى بويىچە تەدبىر قوللانمىغاچقا، ئامېرىكا ۋېنېسۇئېلانىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كەسپىنى قايتىدىن جازالايدىكەن.

  ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي سۆھبەت مۇساپىسى رامكىسىدا ۋېنېسۇئېلا بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

  بۇلتۇر 10-ئايدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرونىڭ 2024-يىلى سايلام ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ۋاقىتلىق ھوقۇق بېرىپ، ۋېنېسۇئېلانىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تارماقلىرى بىلەن سودا قىلىشقا رۇخسەت قىلغان. ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا «ئىنتايىن ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى تاماملىدى» ھەمدە مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىمدىكى بىر قانچە ئاچقۇچلۇق ساھەدە «ئۆلچەمگە يېتەلمىگەنلىكى»نى بېكىتتى. شۇڭا، ئامېرىكا جازالاشنى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى داۋاملىق ئىمزالىمايدۇ، بىكار قىلىنغان جازا 45 كۈن ئىچىدە ئەسلىگە كېلىپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ