مۇھىم خەۋەرلەر

«تاماق ئۈستىلى- تاماق تىزىملىكى سەپسەتەسى» ئامېرىكىنىڭ بۆرە مىجەزلىكلەرنىڭ سىياسىي لوگىكىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى

2024.02.26 18:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خەلقئارا سىستېمىدا، ئەگەر سىز تاماق ئۈستىلىدە بولمىسىڭىز، تاماق تىزىملىكىدە بولۇشىڭىز مۇمكىن» ___ ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بلىنكېننىڭ يېقىندا 60-نۆۋەتلىك ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا قىلغان ئاشكارا سۆزلىرى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ئاساسىي لوگىكىسى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدىغان «ئورمانلىق قائىدىسى» ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ بۆرە مىجەزلىكلەر مەدەنىيىتىنىڭ سادىق مۇرىتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

  ئامېرىكا تارىخى سىرتقا قارىتا ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە تالان-تاراج بىلەن تولغان، بۆرە مىجەزلىكلەر مەدەنىيىتى ئامېرىكا تارىخىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقان. ئامېرىكىنىڭ زېمىن كېڭەيتىش، بايلىق توپلاش، دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش تارىخى دەل سىرتقا قارىتا تالان-تاراج قىلىش تارىخى بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە بىگۇناھ خەلقنىڭ قانلىق كۆز يېشى بىلەن تولغان. ئىندىئانلارنى قىرغىن قىلىش ۋە يەرلەرنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىشتىن ئافرىقىلىقلارنى قۇل قىلىش ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشقىچە، ئاندىن لاتىن ئامېرىكىسىغا مۇداخىلە قىلىش ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەشكىچە، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك بالايىئاپىتى پەيدا قىلىشقىچە ئامېرىكا ئۆز مەنپەئەتى ۋە زومىگەرلىك ئورنىنى قوغدىغاندا، ئۇرۇش قوزغاش، ھەدەپ جازالاش، خالىغانچە ئاغدۇرمىچىلىق، تالان-تاراج قىلىش، ئالداش، تەھدىت سېلىش، زوراۋانلىق قىلىش ئامېرىكىنىڭ قورال ساندۇقىدىكى «دائىملىق تاللىشى» بولۇپ، ھەممە ئادەمنى «تاماق تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈۋالغان. ۋاھالەنكى ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئەخلاق ۋە تەرتىپ ئۇنتۇلۇپ، خالىغانچە دەپسەندە قىلىندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك قىلمىشى ھەددىدىن ئېشىپ، قىلىقى بارغانسېرى سەتلىشىپ كەتتى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شارى كۈچلىرىنىڭ كۈنسېرى تەڭپۇڭلىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ توپلىشىپ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ئورنى خىرىسقا ئۇچراپ، زومىگەرلىك ۋەسۋەسىسى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى زومىگەرلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز ھالدا كىرىزىسنى پۈتۈن يەر شارىغا يۈكلەپ، مەنپەئەت توپلىدى، ئامېرىكىنىڭ «تاماق تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرلا ئەمەس، بەلكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  ئامېرىكىنىڭ بۇ «تاماق ئۈستىلى ۋە تاماق تىزىملىكى»نى رەھىمسىزلىك بىلەن ھېسابلاش جەريانىدا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋروپالىقلار كۆپ ھاللاردا تاماق ئۈستىلى يېنىدا ئولتۇرغاندەك قىلدى. لېكىن ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن پايدىلىنىپ ياۋروپانى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ياۋروپادىن ئامېرىكىغا يۆتكەشكە قىزىقتۇرغانغا ئوخشاش، ئامېرىكا زۆرۈر تاپقاندا ياۋروپالىقلارنىمۇ «تاماق تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ كاپىتالى بىلەن سىياسەتۋازلىرى بۆلۈشىۋالىدىغان ئوبيېكتقا ئايلاندۇرىدۇ، بۇ ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ ئاساسىي لوگىكىسى. ياۋروپالىقلار شۇڭا ئاھ ئۇرۇپ «ئامېرىكىلىقلار ئارقىمىزدىن بىر پىچاق سالدى» دېيىشمەكتە.

  بلىنكېن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ياخشى تاللاش بىلەن تەمىنلەش» دېدى، بىراق ئەگەر ئامېرىكا داۋاملىق بۆرە مىجەزلىكلەر سىياسىي لوگىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەدەپ تالان-تاراج قىلىپ بوزەك قىلىپ، ئازاب-ئوقۇبەتلىك تراگېدىيە پەيدا قىلسا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بارغانسېرى يېتىم قالغانلىقىنى بايقايدۇ. خۇددى «ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى داۋىد پاۋلو گودمان «ئورۇندۇق تالىشىش ئويۇنى»نى مىسالغا ئالغاندەك، «مۇزىكا توختىغاندا، ئورۇندۇقنى تارتىۋالالمىغىنى بەلكىم ئامېرىكا بولۇشى مۇمكىن».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ