مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئامېرىكىنىڭ قانداق قىلىپ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى ئارقىلىق بېيىغانلىقىنى پاش قىلدى

2024.02.26 18:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «ۋال سترېت گېزىتى» تور بېكىتى يېقىندا «ياۋروپادىكى ئۇرۇش ئامېرىكا ئىقتىسادىغا قانداق پايدا يەتكۈزدى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى سەۋەبىدىن كۆپ پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى پاش قىلدى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن ئىككى يىلدا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا زاكاز مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى سانائەت مەھسۇلات قىممىتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان %17.5 ئاشقان. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى 95 مىليارد دوللارلىق ئۈستلىمە دۆلەت مۇداپىئە خامچوت لايىھەسى ئىچىدە، 60 مىليارد 700 مىليون دوللار ئۇكرائىناغا ئىشلىتىلدى، بۇنىڭ %64 ى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە قايتۇرۇلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا دۆلەتلىرى ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ ساھەسىدىكى «چوڭ خېرىدار»غا ئايلاندى. ۋولف تەتقىقات شىركىتىنىڭ ھەربىي سانائەت ئانالىزچىسى مىلېس ۋولتون: ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ياسىغان رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە باشقا ھەربىي قاتتىق دېتال جەھەتتىكى چىقىمى «بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ سالغان مەبلىغى»گە باراۋەر، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىكى مەبلەغ سېلىش ئالدىنقى 20 يىلدىكى مەبلەغ سېلىش بىلەن باراۋەر، دېدى. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى يېقىندا، بۇلتۇر 9-ئايغا قەدەر بولغان بىر يىلدا ئامېرىكىدا 80 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زور قورال-ياراغ سودىسى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 50 مىليارد دوللارلىق قورال-ياراغنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە سېتىپ بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ تارىختىكى نورمال سەۋىيەنىڭ بەش ھەسسىسىدىن كۆپرەك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئامېرىكا-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇردى ھەمدە ئامېرىكىغا تېخىمۇ پايدىسى تەگدى، ئامېرىكا ھەربىي سانائىتىنىڭ پايدىغا ئېرىشىشى پەقەت بۇنىڭ بىر ئىپادىسى. رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ياۋروپانىڭ ئامېرىكىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازىغا بولغان ئېھتىياجىنى قوزغىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا، ئامېرىكىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورت مىقدارى بىر ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ، تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن.

  ماقالىدە مۇنداق دىيىلدى: ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇكرائىناغا ئالاقىدار ئىشلارغا تەقسىم قىلىنغان مەبلەغ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئاساسىنى قايتا قۇرۇپ، قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قوزغاتقان ۋە كېڭەيتكەنلىكىنى ھەمدە 40 ئىشتاتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ