مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تېررورىزمنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2024.02.18 21:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن 2-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرى بويىچە ئاشكارا يىغىنىدا تېررورىزمنىڭ خىرىسىغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى ئورتاق قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان تېررورىزمنىڭ تەھدىتى يەنىلا كەسكىن. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تاشقى تەسىرى كۆپ دۆلەتنىڭ ئۆچمەنلىك جىنايىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى، تېررورلۇق ھۇجۇمى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش غەزە رايونىدا تېزدىن ئۇرۇش توختىتىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش. مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېررورىزمغا پۈتۈن كۈچى بىلەن زەربە بېرىشى كېرەك.

  جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش كاتىپ دوكلاتىدا ئافغانىستان چېگراسى ئىچىدە تېررورچى كۈچلەر مەركەزلەشكەنلىكىنى، «ئىسلام دۆلىتى خۇراسان ئۆلكىسى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تېررورچى كۈچلەر ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى كۆرسەتتى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، بارلىق تېررورچى كۈچلەرگە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ زەربە بېرىشى كېرەك. غەربىي ئافرىقا ۋە ساھىل رايونىنىڭ تېررورلۇق ۋەزىيىتى كەسكىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى مۇھىم سەۋەب. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، بايلىقنى تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇشى كېرەك.

  جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا چوقۇم سىستېما قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ئەدلىيە، جەمئىيەت قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئوخشاشمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاشمىغان دىنلارنىڭ باراۋەر سۆزلىشىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاتالمىش «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى نەزەرىيەسى»نى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك. قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ توقۇنۇش ۋەزىيىتىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ زورىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلار مائارىپى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، توردىن قالايمىقان پايدىلىنىپ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىي ئىدىيە تارقىتىش مەسىلىسىگە كۈچەپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە پائال قاتنىشىپ كەلدى. يېقىندا، جۇڭگو «جۇڭگونىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق رەتلەپ يەكۈنلىدى. كەلگۈسىدە جۇڭگو داۋاملىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، جۇڭگو رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ