مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ ۋەكىللەر ئۆمىكى رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى

2024.02.18 21:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى شيې چۈنتاۋ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى، رۇسىيە بىرلىك پارتىيەسى ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى مۇستەملىكىچىلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇش» خەلقئارا پارتىيەلەر مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، رۇسىيە ۋە يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق تەرەققىيپەرۋەر كۈچلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، «ئۈچ چوڭ يەر شارى تەشەببۇسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پارتىيە كۈچىنى پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ