مۇھىم خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ نوتو يېرىم ئارىلىدا 7.4 بال يەر تەۋرىدى، يەر تەۋرەش بەش مېتىرلىق دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلدى

2024.01.02 15:55 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 1- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 15 تىن10 مىنۇت ئۆتكەندە، ياپونىيە خونشۇ غەربىي قىرغىقىغا يېقىن دېڭىز (شىمالىي كەڭلىك 37.5 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 137.2 گىرادۇس)دا 7.4 بال يەرتەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 30 كىلومېتىر.

  بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەر

  ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتىنىڭ 1- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ياپونىيە ئىشىكاۋا ناھىيەسىنىڭ نوتو يېرىم ئارىلىدا 7.4 بال يەر تەۋرىگەن، يەرتەۋرەش بەش مېتىرلىق دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلغان.

  ياپونىيەنىڭ نوتو يېرىم ئارىلىدا 1- يانۋار چۈشتىن كېيىن كۈچلۈك يەر تەۋرىدى ھەمدە دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىلدى. ياپونىيە پايتەختى توكيودا تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ