25-چېسلادىن باشلاپ، تايلاند جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە بەش ئايلىق ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. شۇ كۈنى، تايلاند زۇڭلىسى سېتا تاۋېيشىن ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن باڭكوكتىكى سۇۋانناپ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا بېرىپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.
شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا، يۈزگە يېقىن جۇڭگولۇق ساياھەتچى شاڭخەيدىن ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ سۇۋانناپ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونۇپ، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان تۇنجى كۈنى چېگرادىن كىرگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچى بولۇپ قالدى. سۇۋانناپ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى داغدۇغىلىق، قىزغىن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.
«جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ تايلاندقا ساياھەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىمىز، تايلاند تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولدى»، سەيتا تاۋېيشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساياھەتچىلىك تايلاندنىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرى، بۇ يىل تايلاند 28 مىليون ئادەم قېتىم خەلقئارلىقا ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، ئىككى تىرىليون 400 مىليارد تايلاند باختى (بىر ئامېرىكا دوللىرى تەخمىنەن 36 تايلاند باختى) ساياھەت كىرىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ، جۇڭگو تايلاندنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەتچى مەنبەسىنىڭ بىرى. تايلاند-جۇڭگو ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت-ساياھەت ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تايلاند جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە يولغا قويغان بۇ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى 2024-يىل 2-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. تايلاند دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ سىياسەت تايلاندقا 140 مىليارد 300 مىليون تايلاند باختى ساياھەت كىرىمى يارىتىپ بېرىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ