شۇ يەر ۋاقتى 24-سېنتەبىر كەچتە، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان كۇبانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچى ئەلچىخانا ئىچىگە ئىككى تال كۆيدۈرگۈچ بومبا تاشلىغان. ھۇجۇمدا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. بۇ قېتىمقى ھۇجۇم كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىياس كانېل كۇبا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىپ ھاۋاناغا قايتقان كۈنى يۈز بەرگەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگۋېس ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ كۇبانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئىككىنچى قېتىملىق زوراۋانلىق ھۇجۇمى، كۇبا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كۇباغا قارشى تەشكىلاتلار ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاغا تارتىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، تېررورىزمغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. 25-چېسلا سەھەردە، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىياس كانېلمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ھۆججەت تارقىتىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز بۇنى ئەيىبلەيمىز، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىنى كۈتىمىز. بەزى ئامما توردا كۆرۈنمە چاستوت يوللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2020-يىل 4-ئايدا، كۇبانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئىلگىرى ئوققا تۇتۇلغان بولۇپ، ئەلچىخانا قۇرۇلۇشىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ