مۇھىم خەۋەرلەر

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېۋاستوپول بېلبېك ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسقان

2023.09.26 11:13 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ يەر ۋاقتى 25-چېسلا كەچتە، سېۋاستوپول شەھىرىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېۋاستوپول بېلبېك ئايرودرومى ئەتراپىدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توستى.

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى 25-چېسلا كەچتە بېلگورود ئىشتاتىدا ئۇكرائىنانىڭ يەتتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توسۇپ، كۇرسىك ئوبلاستىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇم تىپىدىكى ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ