ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، 20-چېسلا، ياپونىيە ئائومورى ناھىيەسى باخۇ شەھەرلىك ساقلىقنى ساقلاش ئورنى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ جايدىكى قولايلىق تاماق شىركىتى «يوشىدا» كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىدە 295 ئادەمدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن، چېتىلىش دائىرىسى 23 ناھىيەگە يەتكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، «يوشىدا» باخۇ شەھىرىدىكى بىر تەييار تاماق ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بولۇپ، ۋەقەگە چېتىشلىق بۇ تەييار يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋە 17-كۈنىگىچە ئىكەن. بۇ تەييار تاماقلار شەرقىي شىمال ۋە گۇەندۇڭ رايونىدىكى تاللا بازارلىرى، چوڭ تىپتىكى پائالىيەت ۋە بېكەتلەردە سېتىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئىستېمالچىلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىچى سۈرۈش ۋە قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.
باخۇ شەھەرلىك ساقلىقنى ساقلاش ئورنىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە 295 ئادەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، توكيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پايتەخت، 23 ناھىيەگە چېتىلغان. ياپونىيەدە جەمئىي 47 دۇداۋ ناھىيەسى بار بولۇپ، بۇ قېتىمقى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنىڭ ياپونىيەنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئورگان يەنە يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەنلەرنىڭ سانىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، «يوشىدا» گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى يوشىدا گۇاڭچېڭ 19-ۋە 20-چېسلا ئۇدا ئىككى كۈن ماقالە ئېلان قىلىپ كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە ۋەقە تەسىرىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئېچىنغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ