ياپونىيە خوجىلىق ۋازارىتى 17-چېسلا ئېلان قىلغان نوپۇس ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەدە 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %29.1 كە يەتكەن بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىي رېكورتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، ياپونىيەدە 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار 36 مىليون 230 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10 مىڭ ئادەم ئازايغان، بۇ ياپونىيەدە ياشانغانلارنىڭ 1950-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئازىيىشى ھېسابلىنىدۇ. بىراق ياپونىيە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە نوپۇس مەسىلىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2040-يىلىغا بارغاندا، ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تۇغۇت يۇقىرى پەللىسى (1971-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە ) دە تۇغۇلغان بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ يېشى 65 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ياپونىيەدىكى ياشانغانلار 39 مىليون 280 مىڭغا يېتىدىكەن، شۇ چاغدا ياشانغانلارنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %34.8 كە يېتىدىكەن.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇلتۇر ياپونىيەدە ئىشقا ئورۇنلاشقان ياشانغانلار 9 مىليون 120 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئۇدا 19 يىل ئاشقان ھەمدە تارىخىي رېكورتنى يېڭىلىغان. ياپونىيەدە ياشانغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %25.2 بولۇپ، ئاساسلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئىچىدە يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرىدۇ، ياشانغانلارنىڭ بارلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %13.6 بولۇپ، يەنى ھەر يەتتە ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىنىڭ ئىچىدە بىر ياشانغان كىشى بار ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ