كورېيە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرلىقى 17-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيەنىڭ iPhone12 تېلېفونىنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى رادىياتسىيەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ تېلېفوننى سېتىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، كورېيە ھۆكۈمىتى ئالما شىركىتىدىن بۇ تېلېفوننىڭ رادىياتسىيە مەسىلىسى توغرىسىدا ئالاقىدار دوكلات تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
كورېيە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە كورېيەدە سېتىلىۋاتقانiPhone12نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېلېفونلار ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار خەلقئارالىق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ھەمدە مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھلىقىغا ئېرىشتى. لېكىن، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەنسىزلىك كەيپىياتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مىنىستىرلىقىمىز يەنىلا ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن، ئالما شىركىتىدىن بۇ ھەقتە ئەھۋال دوكلاتى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشنى قارار قىلدى.
كورىيە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر-ئالاقە بۆلۈمى يەنە بۇنىڭدىن كېيىن تۆت خىل iPhone12 تىپلىق تېلېفوننى تەكشۈرۈپ نەتىجىسىنى ئاشكارىلاشنى پىلانلىغانلىقىنى، ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى رادىياتسىيە قىممىتى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، ئالما شىركىتىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى ھەمدە ئالاقىدار تېلېفون تىپلىرىنى ئىمپورت قىلىش، سېتىشنى توختىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ