مۇھىم خەۋەرلەر

ئافغانىستاننىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئالىمى ئافغانىستان ئامېرىكىنىڭ ھەربىي زومىگەرلىكىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى، دېدى

2023.09.18 01:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان كەردان داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئالىمى جالال بازۋان يېقىندا ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ھەربىي زومىگەرلىكى ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا ئافغانىستاننى ئۇرۇشنىڭ دەردىگە يەتكۈچە دۇچار قىلىپلا قالماي، بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئافغانىستان خەلقىنى قۇتۇلغۇسىز ئىجتىمائىي تەرەققىيات قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

  2001-يىلى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن ئافغانىستانغا ھەربىي زەربە بېرىپ، تالىبان ھاكىمىيىتىنى تېزلىكتە ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ھەمدە ئۇزاق مۇددەت ئەسكەر تۇرغۇزدى. 2021-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى يېرىم كېچىدە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تىرانسپورت ئايروپىلانى كابۇل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، 20 يىلغا سوزۇلغان ئافغانىستان ئۇرۇشى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالدىراپ-تېنەپ چېكىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

  بازۋان مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتى ئافغانىستان خەلقىگە ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشغال قىلىۋالغان مەزگىلدە ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقتىن، ئافغانىستان ۋەزىيىتى ئۇزاققىچە مۇقىم بولمىدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاننى كەڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلىشى ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، سانسىزلىغان پۇقرالار ئۆلدى ۋە يارىلاندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئۇزاققىچە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان 20 يىلدا 30 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 174 مىڭ ئافغانىستانلىقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئۈچتىن بىر قىسىم ئافغانىستانلىق مۇساپىرغا ئايلانغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنە ئافغانىستاندا توپلاشتۇرۇلغان بومبىنى كۆپلەپ ئىشلىتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا ئېغىر ئاپەت پەيدا قىلدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن 2022-يىل 2-ئاينىڭ 11-كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەخمىنەن 7 مىليارد دوللار مۈلكىنىڭ تەڭ يېرىمىنى «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم بېرىش مەبلىغىنىڭ مەنبەسى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان خەلقىنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارا بۇلىغان بۇنداق زومىگەرلىك قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

  بازۋان مۇنداق دېدى: ئافغانىستان قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم دۆلەت، كۆپ خىل مەدەنىيەت بۇ يەردە ئۇچراشقان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان، ئافغانىستان ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان دۆلەت. ئامېرىكا بولسا بۇ يەردە بىر تەرەپلىمىلىكنى يولغا قويۇپ، ھە دەپ ھەربىي زومىگەرلىك يۈرگۈزۈپ كېڭەيمىچىلىك قىلدى، بۇمۇ ئافغانىستاننىڭ 20 نەچچە يىللىق پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ