مۇھىم خەۋەرلەر

كانادادىكى يەرلىك ئاھالىلەر ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ كونا ئورنىدا يېڭىدىن 93 گۇمانىي بەلگىسىز قەبرىستانلىق بايقالدى

2023.08.31 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  كانادادىكى بىر يەرلىك قەبىلە 29-چېسلا، بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ساسكاچېۋان ئۆلكىسىدىكى بىر يەرلىك ئاھالىلەر ياتاقلىق مەكتەپنىڭ كونا ئورنىدا 79 بالىلار قەبرىستانلىقى ۋە 14 بوۋاقلار قەبرىستانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 93 بەلگىسىز قەبرىستانلىقنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى.

  يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئىنگلىز رىۋېر بىرىنچى مىللىتى» دەپ ئاتىلىدىغان يەرلىك قەبىلە شۇ كۈنى ساسكاچېۋان ئۆلكىسىنىڭ ساسكاتۇڭ شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بوۋال ئىندىئانلار ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ كونا ئورنىدىكى بەلگىسىز قەبرىنى ئىزدەش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.

  قەبىلە باشلىقى جېننى ۋولفلىن مۇنداق دېگەن: «بۇ ئەڭ ئاخىرقى سان ئەمەس، بۇ سان تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. بىز نېمىنى بايقىغانلىقىمىزنى جەزملەشتۈرەلمەيمىز، لېكىن بىز نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خورلانغانلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ھەقىقەتەن بىلىمىز». ئۇ كانادا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئىزدەش خىزمىتىنى مەنبە بىلەن تەمىنلەشكە مۇراجىئەت قىلدى.

  بۇ قەبىلە 2021-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ يەر تەكشۈرۈش رادارى ئارقىلىق مەكتەپنىڭ كونا ئورنىنى ئىزدەشكە باشلىغان. بوۋال ئىندىئانلار ياتاقلىق مەكتىپى 1680-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئېچىلغان.

  كانادا فېدېراتسىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەرلىك بالىلار ياتاقلىق مەكتىپى تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىلىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي «ئاسسىمىلياتسىيە» قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، «ياتاقلىق مەكتەپ» نامى بىلەن يەرلىك بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىپ، ئۇلارنى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، جىسمانىي ۋە جىنسىي خورلاشقا دۇچار قىلغان. كانادا ھەقىقىي ئەھۋال ۋە ياراشتۇرۇش كومىتېتى بۇنى «مەدەنىيەتتىكى ئىرقىي يوقىتىش» دەپ ئاتىغان. 2015-يىلى، مەزكۇر كومىتېت ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 19- ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە 139 ياتاقلىق مەكتەپ قۇرغان، ئاز دېگەندە 150 مىڭ ئىندىئان قاتارلىق يەرلىك بالىلار ياتاقلىق مەكتەپكە مەجبۇرىي ئاپىرىلغان. ھازىرغىچە بولغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 4000دىن ئارتۇق بالا خورلىنىپ ئۆلگەن. كانادانىڭ برىتانى كولومبىيە ئۆلكىسى، ساسكاچېۋان ئۆلكىسى، ئونتارىئو ئۆلكىسى قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردىكى يەرلىك ئاھالىلەر ياتاقلىق مەكتەپلىرىنىڭ كونا ئورنى ئەتراپىدا ھازىرغىچە 1700دىن ئارتۇق بەلگىسىز قەبرە بايقالغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ