مۇھىم خەۋەرلەر

تىرامپ زۇڭتۇڭ سايلىمى دېلوسى توغرىسىدا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى

2023.08.23 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  تىرامپ زۇڭتۇڭ سايلىمى دېلوسى توغرىسىدا گىئورگىيە ئشتاتى ئەدلىيە دائىرىلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.

  ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى تىرامپ 21-چېسلا، ئۆزىنىڭ 24-چېسلا 2020-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا جورجىيە ئىشتاتىنىڭ نەتىجىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چېتىشلىق بولغانلىقى توغرىسىدا بۇ ئىشتاتنىڭ ئەدلىيە دائىرىلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.تىرامپ ئۆزى قۇرغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى «ھەقىقىي ئىجتىمائىي ئالاقە»دە ماقالە تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ 24-چېسلا ئاتلانتاغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ دېلونى تەكشۈرگەن فۇلتون ناھىيەلىك تەپتىش ئەمەلدارى فانى ۋىللىسنى قاتتىق سۆكۈپ، ۋىللىسنىڭ ئۇنى تەكشۈرۈشىنى «ئوۋلاش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى.

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، تىرامپ ۋە باشقا 18 كىشى ئامېرىكىنىڭ 2020- يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا گىئورگىيە ئىشتاتىنىڭ نەتىجىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، بۇ ئىشتاتتىكى بىر چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى تەرىپىدىن ئەرز قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە تىرامپ 13 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى. باشقا جاۋابكارلار ئاق ساراي بەنگۇڭتىڭىنىڭ سابىق مۇدىرى مارك مېدوس ۋە تىرامپنىڭ ئادۋوكاتى لۇدى جۇلىئانى، جون ئىستمان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ۋىللىس 8-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتىكى بىر مەيدان مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بارلىق جاۋابكارلارغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى، ھەربىر جاۋابكار 25-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  بۇ تىرامپنىڭ 2021-يىلى ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن بۇيان 4-قېتىم ئەرز قىلىنىشى. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، تىرامپ 2020-يىلىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن بىر فېدېراتسىيە چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى تەرىپىدىن ئەرز قىلىنغان.جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن تىرامپ 2017-يىل 1-ئايدىن 2021- يىل 1-ئايغىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان. بۇلتۇر 11-ئايدا، ئۇ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ھازىر ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشقا زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ