يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى قاتارلىق كىلىمات ئۆزگىرىشى ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى ئۈزلۈكسىز يىمىرىلىپ، قىسمەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرى خەۋپ ئىچىدە قالدى. كانادانىڭ ماگدالېن تاقىم ئاراللىرىنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى ھەر يىلى تەخمىنەن يېرىم مېتىر يىمىرىلدى، بۇ ئەھۋال شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى ئەندىشىگە سالدى.
ماگدالېن تاقىم ئاراللىرى كانادانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كۋېبېك ئۆلكىسىگە جايلاشقان بولۇپ، كانادانىڭ قۇرۇقلۇق رايونىغا بەش سائەتلىك يول يىراقلىقتا، ئەسلىدە تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل ئىدى. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاقىم ئارالنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى يىلدىن-يىلغا يىمىرىلىپ كەتتى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كىلىمات ئۆزگىرىشى ناچار ھاۋا رايىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدىكى دېڭىز مۇزى ئېرىمەكتە. مۇز ئېرىپ كەتسە، دېڭىز قىرغىقى بوران-چاپقۇندا بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچراپ، ئاسانلا يىمىرىلىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەردىكى قىزىل قۇم تاشلىق تىك يار تېخىمۇ كۆپ مۇز تۇتۇش ۋە ئېرىشنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئاسانلا گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ. بەزى ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئىلگىرى نەچچە مىڭ كانادا دوللىرى خەجلەپ ھويلا ئەتراپىدىكى دېڭىز قىرغىقىنى مۇستەھكەملىگەن، ئەمما يەنىلا ناچار ھاۋا رايىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن.
كۋېبېك داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ماگدالېن تاقىم ئاراللىرىنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى تەخمىنەن يېرىم مېتىر يىمىرىلگەن. نۇرغۇن دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر كەلكۈن خەتىرى سەۋەبىدىن ئۆي كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. دېڭىز قىرغىقىنىڭ يەنىمۇ يالىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەت ئىلگىرى دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنى بويلاپ شېغىل دېڭىز ساھىلى ياسىغان بولۇپ، تەخمىنەن 143 مىڭ توننا تاش ئىشلىتىپ، 800 مېتىر ئەتراپىدىكى دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىگەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ