لى چياڭ ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى چيەنچۈەن ياسى بىلەن كۆرۈشتى

2023.07.12 21:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى چيەنچۈەن ياسى بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتى بولۇپ، ئۆز رايونىنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون ۋە دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىماقتا. جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل جانلىنىشى ۋە گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بىلەن ھەمكارلىشىش بوشلۇقى كەڭ. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى داۋاملىق قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، دىققەتنى مۇھىت ئاسراش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى پائال قوللايدۇ، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ كىلىمات مەبلىغىنى يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، بولۇپمۇ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزالارنىڭ كىلىماتقا ماسلىشىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بۇلغىما ئازايتىش مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئادا قىلىشىنى پائال مۇراجىئەت قىلىپ، مەبلەغ، تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چيەنچۈەن ياسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى جۇڭگو بىلەن كۈچلۈك زىچ ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسلىق تۆھپە قوشقۇچى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىلىم ئىجادىيىتى، يېشىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ