دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى تەيىنلىدى، قالدۇردى

2023.07.18 23:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:

  بىرىنچى، خۇاڭ جېڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  ۋۇ ۋېي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  ئىككىنچى، جياڭ يەن (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  يۈ جۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ