خەن جېڭ 14-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا سودا-سانائەت رەھبەرلىرى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سۆھبىتىگە قاتناشقان ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2023.07.14 00:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا 14-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا سودا-سانائەت رەھبەرلىرى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سۆھبىتىگە قاتناشقان ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىنى ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاچقۇچ. ھازىرقى دۇنيادا رىقابەت ھەممە يەردە بار، لېكىن ھەرگىزمۇ بىرى يېڭىپ، يەنە بىرى يېڭىلىدىغان تىنچسىز تىركىشىش ئەمەس، بەلكى ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى رىقابەت بولۇشى كېرەك. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

  ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللىرى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى قويۇق، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە ئېنىقسىزلىق كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئامېرىكا كارخانا ساھەسى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، كۆۋرۈكلۈك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ