مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى

ئىككى ئورۇن، ئىككى شەخسكە تۆھپە يېزىلدى

2023.07.14 11:35 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى، ئىككى ئورۇن، ئىككى شەخسكە تۆھپە يېزىلدى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قورال-ياراغ تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مەلۇم ئىشخانىسى، 92730-قىسىم 70-شۆبە ئەترىتىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى.

  قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇلۇش داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ شيۇڭۋېي، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسى 1-تېببىي مەركىزى نېرۋا كېسەللىكلەر تاشقى تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ، پىروفېسسور جاڭ جيەننىڭگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى بويىچە 3-دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ