مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 2023 - يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.07.19 16:00 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بېيجىڭدا 2023 - يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تارىخى مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشتىكى قالتىس سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى ۋە يۇقىرى رەھبەرلىك سەنئىتىدىن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش ھۆكۈمى ۋە ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئومۇميۈزلۈك، دىيالېكتىكىلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇئامىلە قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىشى ۋە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.


  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن نىڭ جىجې، لىن يىفۇ، يى گاڭ، چېن سىچىڭ، بەي چۇڭئېن، ياڭ چاڭشېڭ، ۋاڭ چاڭلىن، شۈ نەنپىڭ، ۋېن شۇگاڭ، ياڭ ۋېيمىن قاتارلىقلار سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، بازار ئېھتىياجى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەمىنلەش سىجىل ئاشتى. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەۋپ -خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، مۇ خۇڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، چىن بويۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ