شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەشتىن كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەشكە تەدرىجىي ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتناشتى

2023.07.12 10:04 مەنبە: خەلق تورى

  ■ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش − بىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىمىز، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دىققەتنى مەبلەغ سېلىش، سودا، پۇل مۇئامىلە، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارغا ئائىت تاشقى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق جەھەتتىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلەشكەن سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى نۇقتىلىق ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش قىلغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىرگەنلىكىگە قويۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىگە قاراپ تەدرىجىي ئۆتۈشىمىز كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىش ھەققى تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشنى مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغان، بىلىم قىممىتى يۆنىلىشىگە ئىگە بولغان، باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك بولغان، كاپالەتلەندۈرۈش - رىغبەتلەندۈرۈشكە تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان ئىش ھەققى تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، نېفىت - تەبىئىي گاز تۈزۈلمىسىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى پائال مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىم، ئىشەنچلىك تەمىناتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يېتەرلىك، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، تەمىنات بىلەن ئېھتىياج ماسلاشتۇرۇلغان، جانلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەشتىن كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەشكە تەدرىجىي ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «نېفىت - تەبىئىي گاز بازىرى سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش − بىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىمىز، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دىققەتنى مەبلەغ سېلىش، سودا، پۇل مۇئامىلە، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارغا ئائىت تاشقى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق جەھەتتىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلەشكەن سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى نۇقتىلىق ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش قىلغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىرگەنلىكىگە قويۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىگە قاراپ تەدرىجىي ئۆتۈشىمىز كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىش ھەققى تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشنى مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغان، بىلىم قىممىتى يۆنىلىشىگە ئىگە بولغان، باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك بولغان، كاپالەتلەندۈرۈش - رىغبەتلەندۈرۈشكە تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان ئىش ھەققى تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، نېفىت - تەبىئىي گاز تۈزۈلمىسىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى پائال مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىم، ئىشەنچلىك تەمىناتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يېتەرلىك، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، تەمىنات بىلەن ئېھتىياج ماسلاشتۇرۇلغان، جانلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مۇرەككەپ ۋە كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە. ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا، سېلىنما ساھەسىدىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئارقىلىق پۈتۈن يەرشارىدىكى بايلىق ئامىللىرىنى جەلپ قىلىپ، سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كاپالىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېچىۋېتىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىسىتېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا دائىر سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كەڭ دېھقانلارنى ئىسلاھات داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامدا ئىزدىنىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىزدىنىشىگە يول قويۇپ ۋە ئىلھام بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيەت ئىجادىيىتىنى بايقاش ۋە خۇلاسىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارغا ۋاقتىدا مەدەت بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ھەم يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشى ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قويۇپ بېرىش سىجىللىقىنى سىجىل تۆۋەنلىتىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەشتىن كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەشكە تەدرىجىي ئۆتۈشتە، ئاۋۋال يېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئاندىن كونىنى قالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەڭشەش - تىزگىنلەش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەش ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك يۈرۈشلەشكەن تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە يولغا قويۇش ئۈچۈن پائال شارائىت ھازىرلاش كېرەك. تېجەشلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش فاڭجېنىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ ئاز تەننەرخ ئارقىلىق ئەڭ زور پايدىغا ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خىزمەت رىتىمىنى پۇختا تۇتۇپ، تەرەققىيات بىلەن بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئىلمىي تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا، ئىش ھەققىنى باشقۇرۇش ئېھتىياجى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، تەقسىمات تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، توغرا تەقسىمات يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىش ھەققى تەقسىماتىنى ئۈنۈم بىلەن زىچ باغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتقان، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالغان، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان خادىملارغا مايىللاشتۇرۇش، ئاساسىي پەن ئوقۇتۇشى ۋە ئاساسىي ئالدىنقى سەپتە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، دۆلەتنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن خادىملارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. ئىش ھەققىنى باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ پۇلىنى ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نېفىت - تەبىئىي گاز بازىرى سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، زاپاس ساقلاش، سېتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ساھەلەرگە ئايرىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ساھە ھالقىپ ماسلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نېفىت - تەبىئىي گاز زاپاس ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زاپاس ساقلاشنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە تەڭشەش ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يولىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق لايىھەلەپ، يېڭى ئېنېرگىيە بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئورنىنى ئېلىش ئاساسىدا، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ سالمىقىنى پىلانلىق، باسقۇچلارغا ئايرىپ تەدرىجىي تۆۋەنلىتىش كېرەك. يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىغا ماس كېلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، بازار مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىياسەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ