مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» مەخسۇس تېمىسىدا كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.07.14 11:36 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 7-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا «شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» مەخسۇس تېمىسىدا كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور تارىخىي نەتىجىلەر، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن پائال ئىلگىرلەشلەردىن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىش يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا تېپىش كېرەك. نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە دېھقانلار ئىنكاس قىلغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، «مىڭلىغان كەنتنى ئۈلگە قىلىش، تۈمەنلىگەن كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى»نىڭ تەجرىبە ئىلھامى ۋە ئىلمىي ئۇسۇللىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ ۋە شەرھلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېزا ئىگىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا بەخت يارىتىدىغان ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 100دىن ئارتۇق ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، 25 ئەزا ۋە مۇتەخەسسىس سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا «مىڭلىغان كەنتنى ئۈلگە قىلىش، تۈمەنلىگەن كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش ۋە قوللاش؛ يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، جەلپ قىلىش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى مۇستەھكەملەش؛ يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا پۇختا ئاساس سالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىشاننى بېكىتىپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جېجياڭنىڭ «مىڭلىغان كەنتنى ئۈلگە قىلىش، تۈمەنلىگەن كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا تېزدىن ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا-كەنت بەرپا قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، چىن بويۇڭ، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كېڭەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ