ئامېرىكا تۇنجى قېتىم يۇقۇمچانلىقى يۇقىرى، دورىغا چىداملىق تېرە تەمرەتكىسى بىمارىنى دوكلات قىلدى
2023.05.16 13:52 مەنبە: خەلق تورى
ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ يېقىندىكى دوكلاتىدا، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە يۇقۇمچانلىقى يۇقىرى، زەمبۇرۇغقا قارشى، دورىغا چىداملىق تېرە تەمرەتكىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىككى بىمارنى دوكلات قىلغانلىقى، بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل تېرە تەمرەتكىسىنى بايقىشى ئىكەنلىكى ئېيتىلدى.
نيۇيورك شەھىرى دوكلات قىلغان ئىككى بىمارنىڭ ھەممىسى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللار بولۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى جەھەتتە ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئەمەس. ئۇلاردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2021-يىلى ۋە 2022-يىلى يازدا بەدىنىدە كەڭ كۆلەمدە قىچىشىش خاراكتېرلىك ئەسۋە ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر بىمارنىڭ خەلقئارادا ساياھەت قىلغانلىق تارىخى يوق، بۇ ئامېرىكىدا بەلكىم مەھەللىدە تارقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نيۇيورك شەھىرىدىكى تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاممىۋى سەھىيە تارماقلىرىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلغان، بۇ ئىككى بىمار زەمبۇرۇغقا قارشى دورا تېبىنافىن ئىچكەندىن كېيىنمۇ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمىغان. دوختۇر دەسلەپتە ئۇلارنى بىر خىل يېڭىدىن بايقالغان تېرە تەمرەتكە زەمبۇرۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقتىن كېلىپ چىققان دەپ پەرەز قىلغان، كېيىن تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق ئېنىقلانغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ