شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيەسى سۇ ئاستى پاراخوتى قىسىمىنىڭ مەلۇم پاراخوت خادىملىرى ئەترىتىنى ئىلھاملاندۇردى

ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سۇ ئاستى ئاۋانگارتلىرىنى تىرىشىپ تاۋلاپ چىقىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

2023.05.12 09:29 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا دېڭىز ئارمىيەسى سۇ ئاستى پاراخوتى قىسىمىنىڭ مەلۇم پاراخوت خادىملىرى ئەترىتىدىكى بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: خېتىڭلارنى كۆرۈپ، 10 يىل ئىلگىرى سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن گۈزەل چاغلارنى ئەسلىدىم. سىلەرنىڭ ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەڭلەرگە ئېلىپ، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇپ، بىر قاتار قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، زىممەڭلەردىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قالتىس ئورۇندىغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سۇ ئاستى پاراخوتى قىسمى چوڭقۇر دېڭىز ـ ئوكياندا كۈرەش قىلىدۇ، بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. يولداشلارنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سۇ ئاستى ئاۋانگارتلىرىنى تىرىشىپ تاۋلاپ چىقىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دېڭىز ئارمىيەسى سۇ ئاستى پاراخوتى قىسىمىنىڭ مەلۇم پاراخوت خادىملىرى ئەترىتى دۆلىتىمىزنىڭ مەلۇم يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۈچ. 2013 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، شى جىنپىڭ بۇ پاراخوت خادىملىرى ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلار بىلەن بىللە چۈشلۈك تاماق يېدى، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. 10 يىلدىن بۇيان، بۇ پاراخوت خادىملىرى ئەترىتى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى يىراق دېڭىز سەپىرى، سىناق مەشىقى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئۇلارغا كوللېكتىپ 1 ـ دەرىجىلىك تۆھپە يازدى. يېقىندا، بۇ پاراخوت خادىملىرى ئەترىتىدىكى بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن شى جۇشىغا خەت يېزىپ، باش قومانداننىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ