شى جىنپىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغان ھەم شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2023.05.11 09:32 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سۈرەتتە: 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

  5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سۈرەتتە: 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ رۇڭدۇڭ تەۋەلىك رايونى نەنۋېنيىڭ مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مەھەللە ئاھالىلىرىگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

  ■ شيۇڭئەن يېڭى رايونى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش بىلەن بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش باسقۇچىغا كىردى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك باشقۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تارقاقلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە يۆتكەلدى. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ■ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، خېبېي ئۆلكىسى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلدى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولدى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭى رايون قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتا دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى، بەيياڭديەننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى تۈزەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كەسىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى توپلاش شارائىتى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى، كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. قىسقىغىنا ئالتە يىلدا، شيۇڭئەن يېڭى رايونى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئۇلۇغۋار پىلاندىن رېئال مەنزىرىگە ئايلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋىلاشقان شەھەر قەد كۆتۈرۈپ، مۆجىزە يارىتىلدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ نەتىجىلەر دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى، ئۈچ يىلدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى كەسكىن بولغان ۋەزىيەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى تەستە قولغا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىرى تامامەن توغرا بولۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر پۇختا، ئۈنۈملۈك بولدى

  ■ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەدبىرىنىڭ مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ فۇنكسىيەلىك بېكىتكەن ئورنىنى، بۇرچ ۋەزىپىسى ۋە پىرىنسىپ تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، يېقىنقى مەزگىللىك نىشان بىلەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان، شەھەر قۇرۇلۇشى سۈرئىتى بىلەن نوپۇسنىڭ توپلىنىش كۆلىمى، كەسىپلەرنى يۆتكەش بىلەن كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن شەھەرنىڭ ئۆز تەرەققىياتى، شەھەر قۇرۇلۇشى بىلەن ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ■ بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، 2 - تۈركۈمدە تارقاقلاشتۇرۇشنى باشلىغان بېيجىڭدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ باش ئىشتابى ۋە 2 -، 3 - دەرىجىلىك تارماق شىركەتلەر ياكى يېڭىلىق يارىتىش كەسىپ بۆلەكلىرى قاتارلىقلارنى داۋاملىق پىلانلاش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، يۆتكەشنى پىلانلاشقا تۇتۇش قىلىش كېرەك. تارقاقلاشتۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش سىياسەت سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان خادىملار پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ئىش ھەققى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، جۇغلانما فوندى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار سىياسەتلەرگە قارىتا، كونىلارغا كونا چارە، يېڭىلارغا يېڭى چارە بويىچە بولۇش پىرىنسىپىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سىياسەت - تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بازار مېخانىزمى بىلەن ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈر بىلەن سىياسەتنى ئىككى قولدا تۇتۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان ۋاسىتە ئارقىلىق، پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەلەرنى سىرتقا تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك

  ■ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپىدىكى سىياسەت - تەدبىرلەر ۋە ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنىڭ شيۇڭئەندە ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى فۇنكسىيە بەرپا قىلىپ، يېڭى ئوبراز شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، يېڭى مېخانىزم بەرپا قىلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىگە ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بىر قاتار ئالاھىدە قوللاش سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كۈچلەر ۋە كاپىتالنى شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىپ ۋە توپلاپ، كىشىلەر قەلبى تەلپۈنىدىغان، مۇھىم ئامىللار توپلانغان، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق قۇرىدىغان، بىرلىكتە ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىلغار پەن - تېخنىكىنى كەڭ دائىرىدە قوللىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى شەكىللەندۈرۈپ، ئاقىل بولۇش، يېشىل بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىللاشقان، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يېشىل تەرەققىي قىلغان شەھەرلەر ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  ■ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، باسقۇچ بويىچە قەدەم - باسقۇچلۇق، تەرتىپلىك ھالدا يېڭى رايوننىڭ شەھەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى رايوندىكى كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك

  ■ خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق بەرپا قىلىش، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى كادىرلار، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا يېڭى رايون قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى داۋامىدا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى رايوندىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى يول ئېچىش كېرەك

  ■ شيۇڭئەن يېڭى رايونلۇق پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى ھەم ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەم بۇنى پۇرسەت بىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەنى كەڭ كۆلەمدە ئازاد قىلىش، ئىقتىدارنى كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىش، خىزمەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك. «تۆت خاھىش»نى سىجىل تۈزىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، «پاك شيۇڭئەن» ئارقىلىق «شيۇڭئەن سۈپىتى»گە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شيۇڭئەن يېڭى رايونى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش بىلەن بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش باسقۇچىغا كىردى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك باشقۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تارقاقلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە يۆتكەلدى. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نى يۆفېڭ، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جېڭپۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى گاۋتيې ۋوگزالى، مەھەللە، قۇرۇلۇش ئورنى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ گاۋتيېغا ئولتۇرۇپ شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى، يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن شيۇڭئەن ۋوگزالىنىڭ قۇرۇلۇش - يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. شيۇڭئەن ۋوگزالى شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا قۇرۇلۇش باشلانغان 1 - مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرى بولۇپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋوگزال سۇپىسى، پويىز كۈتۈش زالى، ۋوگزال سىرتىدىكى مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شيۇڭئەن ۋوگزالىنىڭ قۇرۇلۇش - تىجارەت ۋە تۇرۇشلۇق زەنگاڭ بۆلەك رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شيۇڭئەن ۋوگزالى شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى يىغىلىش ۋوگزالى، شيۇڭئەن ۋوگزالى بىلەن شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش «ئىنچىكە تومۇر»ىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىنى توپلاشتۇرۇش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زەنگاڭ تەۋەلىك رايونىنى يۇقىرى دەرىجىلىك، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر توپلاشقان رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن مېھمانلارغا شيۇڭئەنگە كېلىشى بىلەنلا، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان زامانىۋى يېڭى قىياپىتىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ رۇڭدۇڭ تەۋەلىك رايونى نەنۋېنيىڭ مەھەللىسىگە كەلدى. بۇ مەھەللىگە ئەنشىن، رۇڭچېڭ ئىككى ناھىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن ئاممىدىن 5000دىن ئارتۇق كىشى ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى ۋە مەھەللە ئاشخانىسىغا كېلىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىۋاتقان ئامما، تاماق يەۋاتقان مەھەللىدىكى ياشانغانلار قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خەلق ئەھۋالى دەپتىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، مەھەللىدە قانات يايدۇرۇلغان خەلققە قولايلىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن كۆچۈپ كەلگەن ئاممىنى ئىزچىل ياد ئېتىپ تۇردۇم، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى ياخشى قۇرۇشتا، مۇھىمى خاتىرجەم ياشاش ۋە خۇشال - خۇرام ئىشلەشنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئاممىنى مۇقىم تۇرىدىغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، ئۈمىدۋار ياشايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. شەھەر ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، باشتىلا «كەشتە تىكىش» ماھارىتىنى ياخشى ئىشقا سېلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان «خەلق شەھىرى» بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ كۆچۈپ كەلگەن ئاھالە لى جىڭخېنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يوقلىدى. لى جىڭخې باش شۇجىغا 2021 - يىلى 11 - ئايدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنلىكى، ئۆيىنىڭ ئازادە، يورۇق ئىكەنلىكىنى، ناھايىتى راھەت ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، كۆپچىلىك دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، پائال ماسلىشىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. ئۇ ياش ئەۋلادلارنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ماھارەتنى ياخشى ئۆگىنىپ، يۇرتقا بەخت يارىتىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  خوشلىشىدىغان چاغدا، ئاھالىلەر يۇقىرى ئاۋازدا «باش شۇجى ياخشىمۇسىز» دەپ تەنتەنە قىلدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: خېبېي مەن خىزمەت قىلغان جاي، مېنىڭ بۇ يەرگە تولۇپ تاشقان مېھرىم بار، بۇ يەرنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش مېنىڭ ئارزۇيۇم. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇش مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، ھەم ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ھەم ساقلاپ تۇرۇشقا، تايىنىۋېلىشقا، تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، ئەستايىدىل تىرىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا ۋوگزال تۈگۈنى شيۇڭئەن يېڭى رايونى قوزغىتىش رايونىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا جايلاشقان. شى جىنپىڭ شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا ۋوگزالى ۋە خەلقئارا سودا مەركىزى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، قۇم مودېلنى كۆرۈپ، سۇپىغا چىقىپ، قۇرۇلۇش ئورنىغا يىراقتىن نەزەر سېلىپ، قوزغىتىش رايونىدىكى مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ھەم نۇقتىلىق تارقاقلاشتۇرۇش تۈرى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قاتناش زامانىۋى شەھەرنىڭ قان تومۇرى. قان تومۇر راۋان بولسا، شەھەر ئاندىن ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ. ئىستېرېئولۇق ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى بەرپا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يەر ئاستى بوشلۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «شەھەر كېسىلى» بولمىغان كەلگۈسى شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى ئۆلچەملىك شەھەر يىرىك ئۇلۇغۋار پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتلىك شەھەر تەرەققىياتىنىڭ رېئال يۆگىمە رەسىمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ شيۇڭئەن زالىغا كېلىپ، قۇم مودېل، سىنلىق قىسقا فىلىمگە بىرلەشتۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش - قۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، بەيياڭديەننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى تۈزەش ۋە قوغداش ھەم لاي - لاتقىلارنى تازىلاش، كۆللەرنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بەيياڭديەننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى تۈزەش ۋە قوغداشنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق زالدا شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نى يۆفېڭ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ گوخۇا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ تور گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما سۆز تاپشۇردى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، خېبېي ئۆلكىسى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلدى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولدى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭى رايون قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتا دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى، بەيياڭديەننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى تۈزەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كەسىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى توپلاش شارائىتى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى، كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. قىسقىغىنا ئالتە يىلدا، شيۇڭئەن يېڭى رايونى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئۇلۇغۋار پىلاندىن رېئال مەنزىرىگە ئايلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋىلاشقان شەھەر قەد كۆتۈرۈپ، مۆجىزە يارىتىلدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ نەتىجىلەر دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى، ئۈچ يىلدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى كەسكىن بولغان ۋەزىيەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى تەستە قولغا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىرى تامامەن توغرا بولۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر پۇختا، ئۈنۈملۈك بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەدبىرىنىڭ مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ فۇنكسىيەلىك بېكىتكەن ئورنىنى، بۇرچ ۋەزىپىسى ۋە پىرىنسىپ تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، يېقىنقى مەزگىللىك نىشان بىلەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان، شەھەر قۇرۇلۇشى سۈرئىتى بىلەن نوپۇسنىڭ توپلىنىش كۆلىمى، كەسىپلەرنى يۆتكەش بىلەن كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن شەھەرنىڭ ئۆز تەرەققىياتى، شەھەر قۇرۇلۇشى بىلەن ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، 2 - تۈركۈمدە تارقاقلاشتۇرۇشنى باشلىغان بېيجىڭدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ باش ئىشتابى ۋە 2 -، 3 - دەرىجىلىك تارماق شىركەتلەر ياكى يېڭىلىق يارىتىش كەسىپ بۆلەكلىرى قاتارلىقلارنى داۋاملىق پىلانلاش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، يۆتكەشنى پىلانلاشقا تۇتۇش قىلىش كېرەك. تارقاقلاشتۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش سىياسەت سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان خادىملار پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ئىش ھەققى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، جۇغلانما فوندى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار سىياسەتلەرگە قارىتا، كونىلارغا كونا چارە، يېڭىلارغا يېڭى چارە بويىچە بولۇش پىرىنسىپىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سىياسەت - تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بازار مېخانىزمى بىلەن ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈر بىلەن سىياسەتنى ئىككى قولدا تۇتۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان ۋاسىتە ئارقىلىق، پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەلەرنى سىرتقا تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپىدىكى سىياسەت - تەدبىرلەر ۋە ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنىڭ شيۇڭئەندە ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى فۇنكسىيە بەرپا قىلىپ، يېڭى ئوبراز شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، يېڭى مېخانىزم بەرپا قىلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىگە ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بىر قاتار ئالاھىدە قوللاش سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كۈچلەر ۋە كاپىتالنى شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىپ ۋە توپلاپ، كىشىلەر قەلبى تەلپۈنىدىغان، مۇھىم ئامىللار توپلانغان، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق قۇرىدىغان، بىرلىكتە ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىلغار پەن - تېخنىكىنى كەڭ دائىرىدە قوللىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى شەكىللەندۈرۈپ، ئاقىل بولۇش، يېشىل بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىللاشقان، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يېشىل تەرەققىي قىلغان شەھەرلەر ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، باسقۇچ بويىچە قەدەم - باسقۇچلۇق، تەرتىپلىك ھالدا يېڭى رايوننىڭ شەھەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى رايوندىكى كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق بەرپا قىلىش، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى كادىرلار، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا يېڭى رايون قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى داۋامىدا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى رايوندىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى يول ئېچىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شيۇڭئەن يېڭى رايونلۇق پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى ھەم ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەم بۇنى پۇرسەت بىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەنى كەڭ كۆلەمدە ئازاد قىلىش، ئىقتىدارنى كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىش، خىزمەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك. «تۆت خاھىش»نى سىجىل تۈزىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، «پاك شيۇڭئەن» ئارقىلىق «شيۇڭئەن سۈپىتى»گە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  لى چياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشتا ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ ئاچقۇچلۇقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش. «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان» ئىرادىسىنى تىكلەپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە بۇرچ، ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. «مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان» غەيرەتكە ئىگە بولۇپ، ئېنىق بولغان، جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ، ساقلاپ تۇرماي، كەينىگە سۆرىمەي، جىددىي، تېز ئىشلەپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى تېزدىن ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ نېگىزى قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم مەنبە رايونىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئورتاق گەۋدىسىنى كۈچەپ قۇرۇپ، مەنپەئەتتىن ھەمبەھرىلىنىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرى بايلىقىنى قوبۇل قىلىپ ۋە توپلاپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا قاتناشتۇرۇش كېرەك.

  لى گەنجيې، خې لىفېڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ۋۇ جېڭلۇڭ، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، خېبېي ئۆلكىسى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى، ئالاقىدار كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ