دىڭ شۆشياڭ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولغۇدەك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەندى

2023.05.12 09:30 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، لى چياڭ زۇڭلى ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ يىڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، بۇ مۇھىم خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، توغرا بولۇشقا ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بازارلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىنى نەقلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى، كەسپىي تەربىيەلەش ياردەم پۇلى قاتارلىق سىياسەتلەرنى قوبۇل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ۋە ياردەم ئۆسۈم سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك سىياسەت خاراكتېرلىك ئىش ئورۇنلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش سانىنىڭ بۇلتۇرقىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى»، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش»، «غەربىي رايون پىلانى» قاتارلىق قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى مۇقىم كېڭەيتىپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەت كاپالىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا كەسىپ تاللاش قارىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بار ئائىلىلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە ۋە مېيىپ قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ياردەم بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي، دائىملىق تۇرۇشلۇق جاي، ئوقۇش تەۋەلىكى بار جايدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ماسلىشىشى كېرەك. بازار خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، ساختا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پەن كەسپلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشكە يېتەكلەش كېرەك.دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار، ئالىي مەكتەپلەر يەنە سەپەرۋەر قىلىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش ۋە يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشان ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى چېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئارمىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە سىچۈەن يىبىڭ شۆيۈەنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ