شى جىنپىڭ كونگو (كىنشاسا)نىڭ قارا يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كونگو(كىنشاسا) زۇڭتۇڭى زىسېكدىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.05.12 09:29 مەنبە: خەلق تورى

  5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كونگو (كىنشاسا)نىڭ قارا يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كونگو(كىنشاسا) زۇڭتۇڭى زىسېكدىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا، كونگو (كىنشاسا) قارا يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچراپ، ئېغىر، زور ئۆلۈش ـ يارىلىنىش ۋە مال ـ مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلدى، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن، يارىلانغانلاردىن ۋە ئاپەت يۈزبەرگەن رايوندىكى خەلقتىن سەمىمىي ھال سورايمەن. كونگو (كىنشاسا)نىڭ چوقۇم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇرت ـ ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ