«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 10-چېسلا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلگەن پاكىتلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆي-ماكانسىز قالغانلار %18 كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر ئەتراپى رايونىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %26 كە يەتكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆي-ماكانسىز قېلىش ۋاشىنگتوندىلا كۆرۈلگەن ئەمەس، ئامېرىكىدىكى پۇل پاخاللىقى داۋاملىق ئۆرلەۋاتقان شارائىتتا، يېقىنقى مەزگىلدە، فېنىكس، لۇئىسۋىل، تالسا قاتارلىق جايلاردىكى ئۆي-ماكانسىزلارنىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە كۆپەيگەن. ئاددىي تىكلەنگەن چېدىرلار، ماشىنا توختىتىش مەيدانى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى قاتارلىقلار ئۆي-ماكانسىزلارنىڭ كېچىنى ئۆتكۈزۈشىدىكى ۋاقىتلىق سورۇنىغا ئايلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ