مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دېدى

2023.03.21 22:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقانداق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقى بار، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. ئامېرىكا ۋاقتى ئۆتكەن «مونروئىزم» تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاستىرو جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھوندۇراسقا دېپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىپ، ھوندۇراسنى جۇڭگو بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالاشتىن بۇرۇن قارارنى قايتۇرۇۋېلىشقا دەۋەت قىلغان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى 181 دۆلەتنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ پاكىتى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش تارىخىي تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىشتىكى توغرا تاللاش. «جۇڭگو ھوندۇراس ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پائال ئىپادىسىنى قارشى ئالىدۇ، باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھوندۇراس بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.»

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئارقا-ئارقىدىن پاناما، دومىنىكا، سالۋادور، نىكاراگۇئا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى ياكى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئالاقىدار دۆلەت خەلقلىرىگە زور بەخت سائادەت ئېلىپ كەلدى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ھەرقانداق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقى بار، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ھوندۇراسقا دىپلوماتىيە جەھەتتە بېسىم ئىشلەتكەنلىكى راست بولسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاساسىدا دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىش» ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا 40 نەچچە يىل ئىلگىرى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىش ئاساسىدا جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، باشقا دۆلەتلەرنى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش، توسۇشقا قانداق سالاھىيىتى بار؟ ئامېرىكا ۋاقتى ئۆتكەن <مونروئىزم> تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ