دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى – قالدۇردى

2023.03.21 15:09 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى - قالدۇردى:


  1. لى شياۋسىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛


  يۈەن مېي (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.


  2. يۈ خۇڭ (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛


  شياۋ جيەنگونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.


  3. ئەنۋەرنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەھرەين پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛


  نى رۇچىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەھرەين پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.


  4. جۇ چىڭچياۋنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېكسىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛


  جاڭ رۇننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېكسىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.


  5. ۋاڭ چۈننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋيېنادىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكىدىن، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛


  لى سۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋيېنادىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكىگە، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ