مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2023.03.11 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان بۇ قارار سىزنىڭ دۆلەت باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يۈكسەك ئابرويغا ئىگە ئىكەنلىكىڭىز، سىز تۈزگەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى مەنپەئەتىنى قوغداش فاڭجېنىنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. رۇسىيە سىزنىڭ رۇسىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىزگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى داۋاملىق مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. مەن داۋاملىق سىز بىلەن مۇھىم، زور رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاشنى خالايمەن. سىزنىڭ دوستانە جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش ئىشلىرىڭىزدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ