مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئەڭ سالاھىيىتى يوق دۆلەت

پەلەستىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئابدۇل ئاتىنى زىيارەت

2022.08.19 18:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئامېرىكىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ‹مۇستەملىكە تالان-تاراج قىلىش›، زومىگەرلىك قىلىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۇرۇش مالىمانچىلىقى كۆپ يۈز بېرىپ، توقۇنۇش ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى خارابلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى قاتارلىق ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.» پەلەستىننىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، خەلقئارا پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوللاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى سالاھ ئابدۇل ئاتى يېقىندا غەززە شەھىرىدە مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: دۇنيادىكى ئىنسانىي ھوقۇققا ئەڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەش سالاھىيىتى يوق، دېدى.

  ئابدۇل ئاتى مۇنداق دېدى: «پەلەستىن خەلقىنىڭ كەچۈرمىشلىرى دەل ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنىڭ روشەن كارتىنىسى.»

  ئابدۇل ئاتى مۇنداق دېدى: مەيلى دېموكراتلار پارتىيەسى ياكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسۇن، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە ئۇزاققىچە «ئېغىپ» قوش ئۆلچەم قوللانغاچقا، پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ئۇزاققىچە كاپالەتكە ئىگە بولمىدى، مۇۋاپىق دەۋا تەلىپى ئۇزاققىچە ئۈنۈملۈك ھەل بولمىدى، پەلەستىنلىكلەر تەقەززا بولغان تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

  جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق جايلاردا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى» دېگەن تېمىدىكى تەتقىقات دوكلاتى ئۈستىدە توختالغاندا، ئابدۇل ئاتى بۇ دوكلاتتىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ «مەدەنىيەت توقۇنۇشى» پەيدا قىلىشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: خۇددى دوكلاتتا ئېيتىلغاندەك، ئامېرىكا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا بولغان ھېچقانداق ھۆرمىتىنى ئىپادىلىمىدى، بەلكى ئۆزى ئېتىراپ قىلمايدىغان باشقا مەدەنىيەتلەرگە دۈشمەنلىك بىلەن قارىدى. ئامېرىكىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلاش سەتچىلىكى پات-پات ئاشكارىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ، ئامېرىكىنىڭ باشقىلارنىڭ كىشىلىك ئىززىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ۋە ھاقارەت قىلغانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارا مىزانغا سەل قارىغانلىقى ۋە دەپسەندە قىلغانلىقى.

  ئابدۇل ئاتى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى ئاتالمىش «ئامېرىكىچە دېموكراتىيە» ۋە «ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق»نىڭ ساختىلىقى ۋە ئالدامچىلىقىنى بالدۇرراق ئېنىق تونۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ