مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەجبۇرىي ئەمگەك ئامېرىكىنىڭ يوشۇرۇپ قالالمايدىغان ساقايماس كېسىلى

2022.08.19 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاتالمىش جۇڭگو شىنجاڭدا «ئىرقىي يوقىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» يولغا قويۇلدى، دېگەندەك ئەسىر خاراكتېرلىك يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى توقۇپ چىقىپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، جۇڭگونى باستۇرۇپ، چەكلەشكە ئۇرۇنۇشى جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى ۋە خەلقئارادىكى ھەققانىي كۈچلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەنقىدىنى قوزغىدى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» دېگەن دوكلاتىدا پاكىت ئارقىلىق گەپ قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ، ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسىدىكى سەتچىلىكى، ساختىپەزلىكى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلاندى. ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق ھۆكۈمدارى» دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويۇش سالاھىيىتى يوق، باشقا دۆلەتلەرنى كەلسە-كەلمەس تەنقىد قىلىشقا ئەسلا سالاھىيىتى يوق.

  مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش شىنجاڭدا پۈتۈنلەي يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىش بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىدا ئەسلىدىنلا بار بولغان گۇناھ. ئامېرىكا كاپىتالىنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلانمىسى ئەزەلدىن ئاتالمىش «دېموكراتىيە»، «كىشىلىك ھوقۇق»قا تايانماستىن، بەلكى شەپقەتسىز قۇللۇق تۈزۈمگە تايانغان. ئاران 246 يىللىق تارىخقا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئامېرىكىدىكى قانۇنلۇق داۋاملاشقان ۋاقتى ئۇنىڭ تارىخىنىڭ 1/3 نى ئىگىلەيدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قۇلدارلىرىنىڭ نېگىر قۇللاردىن سىقىپ چىقارغان ئەمگەك قىممىتى ھازىرقى باھا بويىچە ھېسابلىغاندا 14 تىرىليون دوللارغا يەتكەن. خارۋارد داشۆسىنىڭ تارىخشۇناسى سۋېن بېكېت ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ گۈللىنىش يولى دېموكراتىيە ئەمەس، بەلكى قۇللۇق تۈزۈم، دەپ كۆرسەتكەن.

  گەرچە، ئامېرىكا نامدا قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش ئامېرىكىدا يوقالمىدى. ئەينى يىللاردا قۇل ئېلىپ-ساتىدىغان دېڭىزدىكى «لەيلىمە دوزاخ» بۈگۈنكى كۈندىكى «قان-تەر تۆكۈش زاۋۇتى»، «زۇلمەت تۈرمىسى»، «بالا يىغىش دېھقانچىلىق مەيدانى»غا ئايلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتەك زۇلمەتلىك تارىخ يەنىلا ئامېرىكىدا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. نەچچە يۈز مىڭ ھازىرقى زامان قۇللىرى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تارقالغان بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش ئامېرىكىنىڭ تۈگىمەيدىغان ساقايماس كېسىلىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. بۇ ئېغىر مەسىلىگە قارىتا، ئەزەلدىن «كىشىلىك ھوقۇق»نى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى، بىخۇدلۇق قىلدى، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

  ئامېرىكا ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق ماياكى» دەپ ئاتىۋالغان بولۇپ، «ماياك»نىڭ ئاستى قاپقاراڭغۇ ئىدى. ئامېرىكا ھازىرغىچە مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك كۆپ تۈرلۈك خەلقئارا ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش ھۆججەتلىرىنى تەستىقلىمىدى، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» نىمۇ تەستىقلىمىدى. ئامېرىكا تۈرمىلىرى مەھبۇسلارنى ئېزىدىغان قۇللۇق تۈزۈم شەكلىدىكى «جازا لاگېرى»غا ئايلاندۇرۇلۇپ، غايەت زور «تۈرمە-سانائەت بىرىكمە گەۋدىسى» شەكىللەندۈرۈلۈپ، مەھبۇسلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئاشكارا ھالدا قانۇنلاشتۇرۇلدى. تەخمىنەن 500 مىڭ بالا ئىشچى يەنىلا يۇقىرى سىجىللىقتىكى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، قاتتىق ئۇرۇش، جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، قورقۇتۇش، قەرز ئارتىپ قويۇپ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىش پاجىئەسى كۆپ يۈز بېرىپ، كىشىنى چۆچۈتىدۇ. خۇددى كالىفورنىيە داشۆسى بېركلېي شۆبە مەكتىپى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لاۋرېل فلېچېر كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: «ئامما ئامېرىكا ھازىرقى زامان قۇللۇق تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنى بۇرۇنلا ھەل قىلىپ بولغان، دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھازىرقى زامان قۇللۇق تۈزۈمى يەنىلا مەۋجۇت، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ئومۇملاشقان.»

  ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش مەسىلىسى يەنە دۆلەت ھالقىپ نوپۇس ئېلىپ سېتىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق ئېغىر تۇغۇندى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنىپ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 100 مىڭغا يېتىدىكەن. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى شاكىلات شىركىتى غەربىي ئافرىقىدا زور مىقداردا بالا ئىشچى ئىشلىتىپ، كاكائو خام ماتېرىيالىنى ئۈزگەن، ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيدىكەن. ئۇزاقتىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ خىل مەسىلىلەرگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلدى، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى، كۆڭۈل بۆلمىدى.

  ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتەك رەزىل قىلىقلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قالپىقىنى جۇڭگوغا زورلاپ كىيگۈزۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يامان قانۇن تۈزۈپ، شىنجاڭدا «مەجبۇرىي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش»، «ئىشسىز قېلىشقا مەجبۇرلاش»، «قايتا نامراتلىشىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش»نى پەيدا قىلدى. بۇ خىل ئاساسسىزلا بىر مەسىلە پەيدا قىلىپ، ئاندىن بۇ مەسىلىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى بېسىش ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئادەتلەنگەن ھىيلە-مىكرى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ھەرگىزمۇ شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەمەس، بەلكى كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدە «جۇڭگوسىزلاشتۇرۇش»نى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد-سودا تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى چەكلەش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش.

  دۇنيادا ئادىللىق بار، ھەققانىيلىق كەم بولسا بولمايدۇ. بىر تەرەپتىن ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان ئېغىر مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش مەسىلىسىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن يالغان گەپ توقۇپ باشقا دۆلەتلەرنى باسسا، ئامېرىكىنىڭ ساختا قىياپىتى ۋە سۇيىقەستى مۇقەررەر ھالدا بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە خەلق تەرىپىدىن سېزىلىپ قالىدۇ، ھەرقانداق تەتۈر يول تۇتۇش ھامان بەدەل تۆلىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ