خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدا فېدېراتسىيە رايونىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى سوتچىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش خادىملىرى يېقىندا سابىق زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ قورۇقىنى تۇيۇقسىز ئاختۇرۇشتا ئىجرا قىلغان ئاختۇرۇش بۇيرۇقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئاختۇرۇش بۇيرۇقىدا تىرامپنىڭ سادىر قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈچ تۈرلۈك جىنايى ئىشلار جىنايى قىلمىشى كۆرسىتىلدى.
ئاختۇرۇش بۇيرۇقىدا كۆرسىتىلگەن جىنايى ئىشلار جىنايى قىلمىشى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلماسلىق، ئەدلىيەگە توسقۇنلۇق قىلىش ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئاخباراتىنى يەتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك جىنايەت بېكىتىلسە جەرىمانە قويۇش ياكى نەزەربەند قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاختۇرۇش بۇيرۇقىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرگۈچىلەرگە مەخپىي بەلگە سېلىنغان ھەر قانداق ھۆججەتنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈش ھوقۇقى بېرىلگەن. بۇ، دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ماتېرىياللىرى ياكى مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئېلىش، ساقلاش ياكى يەتكۈزۈشكە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلار، تىرامپ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى ھەر قانداق ھۆكۈمەت خاتىرىسى ھەمدە ھۆكۈمەت خاتىرىسى ياكى مەخپىي ھۆججەت دەلىل-ئىسپاتلارنى قەستەن ئۆزگەرتىۋېتىش، كۆيدۈرۈش ياكى يوشۇرۇپ قويۇشنى ئىسپاتلايدىغان ھەرقانداق ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
يەنە ئاشكارىلانغان قولغا چۈشۈرۈلگەن بۇيۇملار تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، تەكشۈرگۈچىلەر تىرامپنىڭ قورۇقىدىن 33 تۈرلۈك بۇيۇمنى ئېلىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە «ئەڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىك» دەپ ئەسكەرتىلگەن بىر قىسىم ھۆججەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تىرامپ بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنغانلىقىنى، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «سىياسىي بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقى»نى سۆكتى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان بۇ سابىق زۇڭتۇڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىنى ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنى «قوراللاندۇرۇپ»، ئۇنىڭغا داۋاملىق «سىياسىي ھۇجۇم» قىلدى، مەقسىتى ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشىنى توسۇش، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى مېرىك گالان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە ئاختۇرۇش بۇيرۇقى ئىلتىماس قىلىش ۋە تىرامنىڭ قورۇقىنى ئاختۇرۇشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى تىرامپنىڭ فىلورىدا ئىشتاتى پالما ساھىلىدىكى قورۇقىنى تۇيۇقسىز ئاختۇرغان. بۇ، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم سابىق زۇڭتۇڭنىڭ جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشىدە تۇرالغۇسىنىڭ تۇيۇقسىز ئاختۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا قانۇنىدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بارلىق ھۆججەتلەرنى ساقلاش ھەمدە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا دۆلەت ئارخىپى ۋە خاتىرە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بەلگىلەنگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئارخىپ ۋە خاتىرە باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 2-ئاينىڭ بېشىدا، ئۆزلىرىنىڭ تىرامپنىڭ قورۇقىدىن ھۆججەت قاچىلانغان ساندۇقتىن 15نى يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى، تىرامپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بىر قىسىم قەغەز ھۆججەتلەرنى يىرتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تىرامپنىڭ ۋەكىلى شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ تىرامپنىڭ قورۇقىدا دۆلەت ئارخىپى ۋە خاتىرە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھۆججەتلەرنى داۋاملىق ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 4-ئايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تىرامپنىڭ مەخپىي ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىق بولماسلىق قىلمىشى بار-يوقلۇقىغا قارىتا جىنايى ئىشلار بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى