ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى 17-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ قايتىدىن باش ئەلچى ۋە باش كونسۇل ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى راپىدنىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ «ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئىقتىساد، سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە ھەم رايون مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق» .
تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ 17-چېسلا پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتكە كەلگەن قىرغىزىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى قۇلىبايېف بىلەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى تەيىنلەشنى قارار قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.
2018- يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى تېلئاۋىفتىن ئېرۇسىلمغا كۆچۈرگەندە، پەلەستىننىڭ نۇرغۇن شەھىرىدە شۇ سەۋەبتىن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. تۈركىيە ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەن ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئىستامبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنى قوغلاپ چىقارغان.
2021- يىل 6-ئايدا، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ تەختتىن چۈشۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلدى. بۇ يىل 3-ئايدا زۇڭتۇڭ ئىساك خېرھوگ بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ئەنقەرەدە ئۇچراشتى، 5-ئايدا تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېز ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ