مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ئاساسلىق سۈپەت كۆرسەتكۈچى يېقىنقى بەش يىلدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى

2024.04.25 15:07 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، جۇڭگو تالا سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزى شىنجاڭنىڭ 2023-يىللىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش جەريانىدىكى سۈپەت ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ قېتىمقى كۆزىتىپ ئۆلچەش مەزگىلى 2023-يىل 4-ئايدىن 2024-يىلى 2-ئايغىچە بولۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ئېگىرىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، سۈپىتى سىجىل ئېشىپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتكەن.

  دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ % 90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا پاختىنى ئەسۋابلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بويىچە تەكشۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، يىللىق تەكشۈرۈش ئىقتىدارى 10 مىليون توننا بولۇپ، پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شىنجاڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى «پاختىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قوغداش» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «پاختىنى ئەقلىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى» قۇرۇپ، سۈپەت ياردەم تولۇقلىمىسى ئارقىلىق پاختىكارلارنىڭ سورتنى ياخشىلاشقا، كارخانىلارنى ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، «كەسپىي ئامباردا ساقلاش+ئامباردا ئاممىۋى تەكشۈرۈش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ پاختىسىنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاشنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا، ئومۇمىي سۈپىتىنىڭ سىجىل ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ