14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2024.04.24 10:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن شۇخۇڭ بەرگەن ئىلمىي ئۇنۋان قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىش ئارگىنالىدا قانۇن چىقىرىش مەقسىتىگە «ئىلمىي ئۇنۋان سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش» قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلۇپ، ئىلمىي ئۇنۋان خىزمىتى تۈزۈلمىسى، ئۇنۋان بېرىش شەرتى، تەرتىپى ۋە چەت ئەلگە ئالاقىدار ئىلمىي ئۇنۋان جەھەتتىكى بەلگىلىمىلەر يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې پىڭ بەرگەن تاموژنا بېجى قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىش ئارگىنالىدا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان ھالدا، ئالاقىدار ساھەلەردىكى باجنى تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىلەرگە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى؛ ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي ئاساسىي تۈزۈم قائىدىسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار قوشۇلدى؛ باج تاپشۇرغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە ئالاقىدار ئۇسۇللار قانۇن بەلگىلىمىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى لياۋ مىن بوغالتىرلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كاڭ يى ئىستاتىستىكا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چۈنلىن ئېنېرگىيە قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  مۇئاۋىن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى، دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ مۇدىرى جاڭ كېجيەن ئاتوم ئېنېرگىيەسى قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى پەن گۇڭشېڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  ئەدلىيە مىنىستىرى خې رۇڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى قاتارلىق ئۈچ قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  خې روڭ يەنە گوۋۇيۈەن خەينەن ئەركىن سودا پورتىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ تەتبىقلاش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە ئىزاھات بەردى.

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى دېڭ لى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىقى شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش تەكلىپى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن نېپالنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىقى شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش تەكلىپى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سېنېگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن گىرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  مۇئاۋىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرى جاۋ يىڭمىن 2023-يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  لياۋ مىن پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتقا قاراپ چىقىش پىكرىنى تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە تۈزىتىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋچاۋ بەرگەن ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يەنە ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چېقىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ