ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپە پۈتىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئىشەنچنى ئۇرغۇتتى، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

2024.04.25 15:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، رول تۇتۇپ يول باشلىدى. كەڭ كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.

  تېخىمۇ چوڭ قەدەم ئېلىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتىمىز

  غەربىي قىسىم رايونلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىپ يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان بەش يىلدىن بۇيان، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاندى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2019 ـ يىلىدىكى 20 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ 2023 ـ يىلىدىكى 26 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.9 ئاشتى.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ بىزنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى.» چۇڭچىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گاۋ جيەن مۇنداق دېدى: چۇڭچىڭ غەربىي قىسىم رايونلاردىكى بىردىنبىر بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، 2023 ـ يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن سالمىقى %11.2كە يەتتى. چۇڭچىڭ ئۆزىنىڭ غەربىي قىسىم رايونلاردىكى باشلامچىلىق بىلەن ئېچىۋېتىش، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىم رايونلارنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  4 ـ ئايدا، خېلەنشەن تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان نىڭشيا يىنچۇەن شەھىرى يۇڭنىڭ ناھىيەسى مىننىڭ بازىرى يېشىللىققا پۈركەندى، جەنۇبىي فۇجيەننىڭ قەدىمىي ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر فۇجيەن بىلەن نىڭشيانىڭ چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىنى بايان قىلماقتا ئىدى.

  «فۇجيەن بىلەن نىڭشيانىڭ نىشانلىق ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىپ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردىن ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق، بۇلتۇر، مىننىڭ بازىرىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2022 ـ يىلىدىكىدىن %19 ئاشتى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا.» مىننىڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تيەن پېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى «يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە دۆلەت نۇقتىلىق يار يۆلەك بولىدىغان ناھىيەلەرنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش» «كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، بىزنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى، ئۈمىدىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدىغان «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىمىز.

  «باش شۇجى سۆزىدە <دېھقانلار ئاممىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش>نى تىلغا ئېلىپ، بىز تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى خاتىرجەم قىلدى.» شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4 ـ شى كۆكدالا شەھىرى 64 ـ تۇەن 14 ـ ليەنىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى ئابدۇشۈكۈر يارى مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى، تېرىقچىلىق قەرز پۇلى قاتارلىق دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان پۇل مۇئامىلە قەرز پۇلىغا تايىنىپ، ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى ۋە ئات كۈچى يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىپ، تېرىقچىلىق ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردۈم. «باش شۇجى باشتىن ـ ئاخىر بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، پارتىيەنىڭ سىياسىتىدىن باشتىن ـ ئاخىر غەمخورلۇققا ئېرىشتۇق، كەلگۈسىدە تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ!»

  باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «زامانىۋى ياسىمىچىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش» دېگەن مەزمۇنلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ جىنباۋنىڭ ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ چىڭىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل 5G تېخنىكىسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش بويىچە تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. «كەلگۈسىدە، بىز ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دىققەتنى <يۇقىرى دەرىجىلىك> مەھسۇلاتلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىق توپىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز».

  گۈدۈك ئاۋازى ئۈزۈلمەي ياڭراپ، پويىزلار ئۇچقاندەك يۈرمەكتە. جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، يۈك تىرانسپورتى لائوس، تايلاند، ۋىيېتنام، بىرما قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان 12 دۆلەت ۋە دۆلىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە تەسىر كۆرسەتتى.

  «جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈريولىغا تايىنىپ، يۈننەن كۇنمىڭنى يىغىلىش مەركىزى قىلىپ، شەرقتە غەربىي قىسىمدىكى قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولىغا، غەربتە بېنگال ـ جۇڭگو ـ ھىندىستان ـ بىرما ئىقتىساد كارىدورىغا تۇتىشىدىغان، جەنۇبتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، شىمالدا چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكىگە تۇتىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرمەكتە.» جۇڭگو تۆمۈريولى كۇنمىڭ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شۈ ئەنسې مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا رايونلارنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈريولى ئارقىلىق چېگرا رايوندىكى خەلقنى بېيىتىشقا تۈرتكە بولىمىز، چېگرا رايوننى گۈزەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز».

  يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىمىز

  «خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» «شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىمنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك» «ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  يېقىندا، 2024 ـ يىللىق جۇڭگو كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى(سىچۇەن) مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بارغانسېرى كۆپ كارخانا ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپى، ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىنى سىچۇەنگە ئورۇنلاشتۇردى. چېڭدۇ شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇ جيەن مۇنداق دېدى: چېڭدۇ چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى، بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېي، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قاتارلىق رايونلاردىكى نۇقتىلىق كەسىپلەر، باشلامچى كارخانىلارنىڭ يۆتكىلىش ئارزۇسىغا پائال ئۇدۇللىشىپ، نۇقتىلىق كارخانىلار، چوڭ تۈرلەر، مۇھىم سۇپىلارنىڭ چېڭدۇغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئەڭ ياخشى بايلىق، ئەڭ زور سەمىمىيەت بىلەن كۈتۈۋېلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

  گۇيجوۋ ئۆلكىسى سۇەنلى پەن ـ تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شۇ جاينىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش»نى ئالغا سىلجىتىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. شىركەت باش دىرېكتورى ياڭ يۈنيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» تەلىپى بويىچە، ھېسابلاش كۈچىنى تەڭشەپ يۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھېسابلاش كۈچى بازىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت تىرىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، گۇيجوۋنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭخەي ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلىدى. چىڭخەي ئۆلكىلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت نازارىتىنىڭ نازىرى تاڭ ۋەنفېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بىز بۇ تەلەپ بويىچە، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى نازارەت قىلىش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق، ياخشى تۇتۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، «ئۈچ دەريا مەنبەسىنى قوغداش، <جۇڭخۇا سۇ مۇنارى>»نى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئالىمىز.

  ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. خېشى كارىدورىنىڭ غەربىي ئۇچىغا جايلاشقان گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ يۈمېن شەھىرى دۆلەت بېكىتكەن 1 ـ دەرىجىلىك يورۇقلۇق بايلىقى رايونى ۋە 2 ـ دەرىجىلىك شامال بايلىقى رايونى. ھازىرغىچە، پۈتۈن شەھەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 2020 ـ يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.

  «باش شۇجى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش ھەم بىر تۈركۈم دۆلەت مۇھىم ئېنېرگىيە بازىلىرىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى.» يۈمېن شەھەرلىك يېشىل ئېنېرگىيە تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى شى شۆلېي مۇنداق دېدى: «14 ـ بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، يۈمېن شەھىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئومۇمىي مىقدارىنى 10 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزۈشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز، يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسى، زاپاس ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئېنېرگىيە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ئېلېكتىر مەنبەسى، ئېلېكتىر تورى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، ئېنېرگىيە ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن، يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىن ماس تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

  ئۈزلۈكسىز تۈردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرىمىز

  ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال ئۇچىغا جايلاشقان قورغاس پورتى ئارقىلىق بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 1848 قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

  «باش شۇجى كەڭ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق كەڭ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بىز تاموژنا خادىملىرى زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.» قورغاس تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى چېن پېڭدې مۇنداق دېدى: قورغاس تاموژنىسى «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنىڭ قورغاس پورتىدا ئەمەلىيلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر، يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە كۈچ قوشۇپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم ۋە راۋان بولۇشىنى قوغداش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شەنشى ئۆلكىلىك سودا نازارىتى ئەركىن سودا ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياڭ شياۋباۋ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆگەندى. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، تۈگۈن ئىقتىسادى ۋە يول ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ياڭ شياۋباۋ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە شەنشى ئەركىن سودا سىناق رايونى تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش، ئېچىۋېتىش يولى بەرپا قىلىش، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ئېچىۋېتىش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش چوڭ ئەندىزىسىگە سىڭىشىش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېما قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالتە چوڭ جەھەتتە يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە تىرەك بولىدۇ.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەي سۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بىز قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. گۇاڭشى مەۋقەنى ئۆزىنىڭ رايون ئورنى ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولى كەسىپ بەلبېغىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كەسىپ ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى ۋاسىتە قىلىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ كۆلىمىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، يېڭى يولنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىدۇ».

  غەربىي قىسىم دۆلىتىمىزدىكى كۆپ مىللەت يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلغان گۈزەل ماكان.

  «باش شۇجى مىللەتلەر رايونلىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ تەلەپ قىلدى، بۇ، بىزنىڭ كەلگۈسى خىزمىتىمىزگە قارىتا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.» شىزاڭ ئاپتونوم رايونى رېكازې شەھىرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى باساڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ