مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ تورغات پورتىدا دۆلەت ھالقىغان قۇتقۇزۇشتا ئون مىنۇتتا تاموژنىدىن ئۆتۈپ بولدى

2024.04.22 16:09 مەنبە: خەلق تورى

  20-ئاپرېل كەچتە، بىر مەيدان دۆلەت ھالقىغان ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش تورغات پورتىدىن باشلاندى، تورغات چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى «چېگرا ھالقىغان ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش يېشىل يولى» ئېچىپ، يارىلانغان جۇڭگولۇق شوپۇرلارنى قوغداپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزدى، پۈتكۈل جەريانغا ئون مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمىدى.

  20-چېسلا چۈش سائەت 14:00 تە، شىنجاڭ تورغات چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى قاراۋۇللار بەنىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش دىجورنىخانىسى سۇڭ خانىمنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنىسىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىگە 503 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئومۇرتقىسى يارىلانغانلىقىنى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ۋەتەنگە قايتىپ قۇتقۇزۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، چېگرا تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  بۇ پونكىت بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، چېگرا ھالقىغان قۇتقۇزۇش جىددىي لايىھەسىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش يېشىل يولىنى دەرھال ئېچىپ، يارىدارلارنى يۆتكەش، چېگرادىن كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە خادىم ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېگرا ئېغىزىدىكى بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ئېغىر يارىدارلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىپ، قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى. ھازىر يارىدارلار قەشقەر شەھەرلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ