مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيەگە تەلپۈنگەن قىزىل قەلبلەر

كىچىك دۇكانلار ئېچىلىپ، كۈنلىرىمىز باياشاتلاشتى

2024.04.21 23:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنى ئېچىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى، تۇرمۇشۇممۇ بېيىدى. ئاچا-سىڭىللار مېنىڭ سېپىمگە قوشۇلۇپ، ھۈنەر ئۆگىنىپ پۇل تاپتى، ھازىر چىرايلىق گىرىم قىلىپ يۈرىمىز، ئۆيىمىزدە كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەيدۇ، بىز بىرلىكتە ئۆزىمىزگە تەۋە <گۈزەل ئىشلار> نى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق» دېدى ئامىنە مەخەت بۇ بىر نەچچە يىلدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلىگىنىدە چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ.

  ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئامىنە ئۈرۈمچى «ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش-چاچ ياساش» تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، ئۇ دوستىنىڭ تەكلىپى بىلەن خوتەن شەھىرىگە كېلىپ ئاياللارنى تەربىيەلەپ، خوتەننىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش-چاچ ياساش كەسپىنىڭ بازىرىنى كۆرۈپ، خوتەندە ماكانلىشىپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش-چاچ ياساش سالونى ئاچتى.

  ئامىنەنىڭ دۇكىنى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغان خوتەن تۈەنچېڭدا بولۇپ، مۇھىتى گۈزەل، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇلازىمىتى قىزغىن، تېخنىكىسى يۇقىرى بولغاچقا، خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئامىنەنىڭ سودىسى بارغانسېرى روناق تاپتى، دۇكاندىن خېرىدارلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، يەنە ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان نۇرغۇن قىزلار كېلىپ تېخنىكا ئۆگەندى.

  «مېنىڭ ھۆسن تۈزەش-چاچ ياساش دۇكىنىم تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا ئاياللارنىڭ ھۆسن تۈزەش-چاچ ياساشتىكى ئالدىن تاللايدىغان جايىغا ئايلاندى» دېدى ئامىنە بىر تەرەپتىن خېرىدارلارغا گىرىم قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن چاچ ياسىغاچ. ئۇنىڭ ياراشقان كىيملىرىگە ئىنچىكە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، چىرايلىق ھەم مودا كۆرۈنەتتى.

  23 ياشلىق قەمەرنىسا ئەمەر خوتەن ناھىيەسىنىڭ خەدىچە كەنتىدىن بولۇپ، ئامىنەگە ئەگىشىپ ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، ئۇنىڭ نىشانى ئۆزىنىڭ ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياساش دۇكىنى ئېچىش ئىدى.

  «مەن توي قىلغاندىن كېيىن، تېخنىكام بولمىغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەي، كۈنبويى قازان بېشىنى ئايلىنىپ تۇرمۇش كەچۈردۈم. بىر كۈنى ئامىنە ئاچقان ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ھەر خىل يېڭى چاچ پاسونى لايىھەسى ۋە گىرىم قىلىش تېخنىكىسىغا مەپتۇن بولۇپ قالدىم، شۇ چاغدا بۇ يەردە قېلىپ، ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى قارار قىلدىم. ھازىر ھەر ئايدا 4000 يۈەن مائاش ئالىمەن، ھازىر مەن كەنتىمىزدىكى ئاياللارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتىم، ئۇلار مېنى مودا ھەم روھلۇق دەپ ماختايدۇ» دېدى قەمەرنىسا. قەمەرنىسا ھازىر ئامىنەنىڭ قابىل ياردەمچىسى بولۇپ قالدى، تېخنىكا ئۆگىنىپ پۇل تاپتى، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بارغانسېرى ئاشتى.

  ئامىنەنىڭ ھېكايىسى پەقەت خوتەن تۈەنچېڭدىكى سودىگەرلەرنىڭ بېيىش يولىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، بۇ سودا پىيادىلەر كوچىسىدا، قاتار-قاتار دۇكانلار، ۋاراڭ-چۇرۇڭلار تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ پەسىيىپ تۇرىدۇ، ھازىر بۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى قىزىپ كەتتى.

  كونا شەھەر رايونىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 153 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، خوتەن كونا شەھەر رايونىنى قوغداش، ئەمىن تاپقۇزۇش، ساياھەتچىلىك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، كونا شەھەر رايونىدىكى ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش بىلەن ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى زىچ بىرلەشتۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، تۈەنچېڭ شەھىرىنىڭ 1-قارارلىق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 97 ئائىلىگە چېتىلغان بولۇپ، ئەسلىدە بىرمۇ دۇكان ئۆي يوق ئىدى، ھازىر 125 دۇكان بار، بۇنىڭ %80 ى سىرتقا ئىجارىگە بېرىلىپ، ئاشخانا، كېيم-كېچەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى ۋە يەرلىك مەھسۇلاتلار ماگىزىنى ئېچىلدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئىجارە كىرىمى 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ