مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ يىل غەربىي رايون پىلانىدا شىنجاڭغا پىدائىيلارنى مەخسۇس قوبۇل قىلىش سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2024.04.21 23:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىدائىي بولۇپ غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى (قىسقارتىلىپ «غەربىي رايون پىلانى» دېيىلىدۇ) شىنجاڭ مەخسۇس تۈرىگە پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىش سانى زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولۇپ قالغان.

  ھازىر 2024-يىللىق غەربىي رايون پىلانىغا تىزىملىتىش جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. 5-ئاينىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرىغىچە، 2024-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار «غەربىي رايون پىدائىيلىرى» (西部志愿汇)، «شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى» (新疆共青团) ئۈندىدار سالونى ياكى غەربىي رايون پىلانى ئورگان تور بېكىتىگە چىقىپ، غەربىي رايون پىلانىغا تىزىملىتىش سىستېمىسىدا رويخەتكە ئالدۇرسا بولىدۇ.

  غەربىي رايون پىلانىدىكى شىنجاڭ مەخسۇس تۈرى پىدائىيلىرى مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تەلىپى شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا ئاساسىي مائارىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەربىي رايون پىلانى شىنجاڭ تۈرى كەڭ ياشلار ئارىسىدا پىدائىيلار شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىش بايرىقى تىكلەپ، رايون تەرەققىياتىغا يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى. بىر تۈركۈم ياش ئوقۇغۇچىلار پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى قولىغا ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياشلىق كۈچىنى قوشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي رايون پىلان تۈرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ كەي مۇنداق دېدى: قوبۇل قىلغان پىدائىيلار سانىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسەن، جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېتلىرى ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىش ئورنى ئېھتىياجىنى تەپسىلىي ئايرىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى كاپالەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، پىدائىيلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ مەۋقەنى ئىش ئورنىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا قارىتىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۆپ سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، غەربىي رايون پىلانىدىكى تېخىمۇ كۆپ پىدائىيلارنى شىنجاڭدا قېلىپ تەرەققىي قىلىش، كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ